- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز بانكىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن كۆپەيگەن تۇرالغۇ قەرزىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن
ئۆي-زېمىن كىرېدىتىنى قىسىش ئۆي-جاي ھايانكەشلىكىنى چەكلىدى
2017.02.16 15:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق بانكىسى 14-فېۋرال ئېلان قىلغان «2017-يىلى 1-ئايلىق پۇل مۇئامىلە ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇمات دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشچە، 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا، خەلق پۇلى قەرزى 2 ترىللىئون 30 مىليارد يۈەن كۆپەيگەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تۇرالغۇ قەرزىنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز 629 مىليارد 300 مىليون يۈەن كۆپەيگەن بولۇپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرزدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %31 بولۇپ، ئالدىنقى ئايدىكىدىن 9.55 پىرسەنت پوئىنت تۆۋەنلىگەن.
تۇرالغۇ قەرزىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى نېمە ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى؟ يىجۈ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاقىللار ئامبىرى مەركىزىنىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى يەن يۆجىن تەھلىل قىلىپ مۇنداق قارىدى: بۇلتۇر تۆتىنچى پەسىلدىن بۇيان، ئۆي-زېمىننى تەڭشەش-كونترول قىلىشنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆي بازىرىنىڭ سېتىش مىقدارى تۆۋەنلەپ، پۈتۈشۈشنىڭ تۆۋەنلىشى سودا بانكىلىرىنىڭ تۇرالغۇ قەرزى تارقىتىش رىتىمىنى تەبىئىي «ئاستىلاتتى».
جۇڭگو خەلقئارا پۇل مۇئامىلە چەكلىك شىركىتى ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشچە، 1-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئۆي بازىرىنىڭ سېتىش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.3 تۆۋەنلىگەن، سېلىشتۇرما نىسبىتى %24.7 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە، كەلگۈسى ئۈچ ئايدا، ئۆي بازىرىنىڭ سېتىش سۈرئىتى ئاستىلاشقا قاراپ يۈزلىنىدىكەن.
جۇڭيۈەن يەر-مۈلۈكچىلىكىنىڭ باش تەھلىلچىسى جاڭ داۋېي مۇنداق قارىدى: ھەرقايسى قىزىق نۇقتا شەھەرلىرى چەكلىك سېتىۋېلىپ، چەكلىك قەرز ئالغاندىن كېيىن، تۇرالغۇ قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش قىيىنلىشىپ، تۇرالغۇ قەرزىنىڭ كۆلىمى كىچىكلەشتەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى ئاساسەن بېكىتىلىپ، كىرېدىتنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش ئۈنۈمى بارغانسېرى كۆرۈنەرلىك بولدى، بۇمۇ تۇرالغۇ قەرزى ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو خەلقئارا پۇل مۇئامىلە چەكلىك شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو تۇرالغۇ قەرز ساقلانمىسى بىر يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31 ئېشىش سەۋىيەسى ساقلىدى، بۇنىڭدا غەم-ئەندىشىمۇ يوق ئەمەس.
بۇ قېتىمقى يەرلىك سودا بانكىسىنىڭ ئۆي-زېمىن كىرېدىتىنى قىسىش تەدبىرى ئۆي بازارلىرىنىڭ «پۇل مەنبەسى» نى بىۋاسىتە قىسىپ، ئۆي-مۈلۈككە ئۈنۈملۈك پىشاڭ بولۇپ ھەم ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنى تىزگىنلەپ، ئۆي-جاي ھايانكەشلىكى ھادىسىلىرى يۈز بېرىشنى چەكلەيدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر