باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى تۇنجى بوشلۇقتا مال توشۇش ئالەم كېمىسى 4-ئايدا ئۇچۇرىلىدۇ

2017.02.15 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساماۋى كېمە بىرىنچى نومۇرلۇق مال توشۇش ئالەم كېمىسى زاۋۇتتىن چىقىشتىن ئاۋۋالقى بارلىق تەتقىقات خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن 5-فېۋرال تيەنجىن پورتىدىن چىقىپ، تەخمىنەن بىر ھەپتە دېڭىز قۇرۇقلۇقتا قاتناپ، تۈنۈگۈن خەينەن ۋېنچاڭ ئالەم قويۇپ بېرىش مەيدانىغا بىخەتەر يېتىپ كەلگەن، قويۇپ بېرىش مەيدانىدا ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش ۋە سىناق قىلىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۇزۇن سەپەر 7-نومۇرلۇق يىراقتىن توشۇش ئىككىنچى راكېتاسى ئارقىلىق بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىدىكەن.

  ساماۋى كېمە بىرىنچى نومۇر ئېلىمىز مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان تۇنجى مال توشۇش ئالەم كېمىسى، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى ئىككى بۆلمىلىك بولۇپ، مال بۆلمىسى ۋە ئىتتىرىش بۆلمىسىدىن تەركىب تاپقان، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 10.6 مېتىر، بۆلمىنىڭ ئەڭ چوڭ دىيامېتىرى 3.35 مېتىر، قۇياش يەلكەن تاختىسى ئېچىلغاندىن كېيىن ئەڭ چوڭ كەڭلىكى 14.9 مېتىرغا يېتىدۇ، ئۇچۇش ئېغىرلىقى تەخمىنەن 13 توننا، ئەشيالارنى كۆتۈرۈش ئىقتىدارى تەخمىنەن 6 توننا، ئىتتەرگۈچنىڭ تولۇقلاش ئىقتىدارى تەخمىنەن 2 توننا، مۇستەقىل ئۈچ ئاي ئۇچالايدۇ، ساماۋى ئوردا ئىككىنچى نومۇرلۇق بوشلۇق تەجرىبىخانىسى بىلەن تۇتۇشۇش، ئىتتەرگۈچ بىلەن ئوربىتىدا تولۇقلاش، بوشلۇقتا ئىلمىي تەجرىبە قىلىش ۋە تېخنىكا سىناق قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلارغا ئىگە.

  نۆۋەتتە قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئەسلىھە جابدۇق ئەھۋالى ياخشى، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر