باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ئارقىغا سۆرەش مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىش كېرەك

2017.02.15 15:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن زۇڭلى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا تەكىتلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ــ تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، جەمئىيەتتە ئادىللىق ۋە ھەققانيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. مەخسۇس تۈزەش بىلەن نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى مەركەزلىك پاش قىلىپ، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جۈملىدىن ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك كونا دېلولارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىش ھەققىنى قەستەن نېسى قالدۇرۇشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش بولۇپمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ سېلىش تۈرىدە قۇرۇلۇش پۇلىنى ئارقىغا سۆرەش سەۋەبلىك، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى قەتئىي ھەل قىلىش كېرەك، گوۋۇيۈەننىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، قىسمەن ئۆلكىلەردە مەخسۇس ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بۇ قېتىمقى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئارقىلىق دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش، بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى مەركەزلىك پاش قىلىپ، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر