باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بېيجىڭ كوماندىسىغا يەنە ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئومۇمىي نەتىجىدە 0 دە 2 بولۇپ ئارقىدا قالدى

2017.02.16 13:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 14- فېۋرال چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ «ۋو جياڭ» ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى مېھمان كوماندا سۈپىتىدە بېيجىڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئىككى تەرەپ تۆت مەيدان كەسكىن مۇسابىقىلەشكەندىن كېيىن، ئەمەلىي كۈچى سەل ئاجىز بولغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئامالسىز 77كە قارشى 91 نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئومۇمىي نەتىجىدە 0 دە 2 بولۇپ ئارقىدا قالدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدىنلا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچى جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولاتتى. بېيجىڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا يۇقىرى رېتىمدا ئەزالىرىنى ئالماشتۇرغاندا، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئالماشتۇرۇشقا ئەزالار يېتەرلىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاساسلىق ئەزالار مەيداندىن چۈشمەي دېگۈدەك پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىنى ئويناپ تۈگەتتى.

  كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىغە نىسبەتەن باش تىرېنېر جەن شۇپىڭ مۇنداق دېدى: « شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ جان تىكىپ ئېلىشىش روھى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى مۇسابىقىغە قەدەر كېلەلىدۇق، مۇسابىقە ئاياغلىشىش پۇشتىكى چېلىنغۇچە قەدەر، ھەر بىر سېكۇنتمۇ بوشاشماي، ئېلىشىشنى توختىتىپ قويمايمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر