باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز شەھەر-بازار، يېزا ئىگىلىك، ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بوشلۇق ئىچىدىكى يەرلەرنى تەرتىپكە سالىدۇ

2017.02.16 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئېلىمىز «13-بەش يىل» مەزگىلىدە شەھەر-بازار، يېزا ئىگىلىك، ئېكولوگىيە بوشلۇقى ئىچىدە، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ يەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى يولغا قويۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلايدۇ.

  گوۋۇيۈەن تەستىقلاپ يولغا قويغان «مەملىكەت بويىچە يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش يىرىك پىلانى(2016-يىلدىن 2020-يىلىغىچە)»غا ئاساسەن، ئېلىمىز «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ يەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىش تەدبىرىنى يولغا قويىدۇ. شەھەر-بازار ئىچىدىكى يەرلەرنى شەھەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېچىش ۋە باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، مەركىزىي شەھەر رايونى بىلەن بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە تەرتىپكە سېلىپ، شەھەر ئىچىدىكى يېزىلارنى ئۆزگەرتىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە تۇرالغۇ مەھەللىسى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش؛ شەھەر-يېزا تۇتاشقان جايلارنىڭ يەرلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شەھەرلەر ئارا ئوخشاش بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلىكلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىك بوشلۇقى ئىچىدىكى يەرلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنى قولايلىقلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىك يېرىنى تەرتىپكە سېلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېڭى يېزا قۇرۇش تەلىپى بويىچە، يېزا يىرىك پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ، دېھقانلارنى تۇرالغۇ ئۆيلەرنى نىسبەتەن مەركەزلىك سېلىشقا مۇۋاپىق يېتەكلەپ، تەبىئىي كەنتلەرنى مۇۋاپىق ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كونا كەنتلەرنى رەتلەپ قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە بوشلۇقى دائىرىسىدە، يەرنى تەرتىپكە سېلىش پائالىيىتىدىكى يەر ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئايرىپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى دائىرىسىدىكى يەرلەرنى قاتتىق قوغداپ، ئېكولوگىيە فۇنكسىيەسىنىڭ ئاجىزلىماسلىقى، يەر كۆلىمىنىڭ تارايماسلىقى، خاراكتېرىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئېكولوگىيەلىك چېكىنىشى ئېغىر رايونلارنى تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىش پىرىنسىپى بويىچە يەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە قوغداش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، چېكىنگەن يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىنى توسۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر