باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئايال كادىرلارنى «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلدى

2017.02.16 16:16         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئايال كادىرلارنى خىزمەت ئىستىلىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، مەسىلە تىزىملىكى ۋە سۇپا ھېساباتى تۇرغۇزۇپ، خىزمەتلەرنى ئىنچىكە ھەم پۇختا ئىشلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش −− «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، بۇ پائالىيەتنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئايال كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىمىز.

  شىنجاڭ ئايال كادىرلار مەكتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يىڭ شياۋجۈەن مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئايال كادىرلارنى تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىدىغان فۇنكسىيەسىدىن پايدىلىنىپ، «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» پائالىيىتىنى ئايال كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئۆزگەرتىشنى تۇتقا قىلغان ھالدا قانات يايدۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشتىكى بۇ ئۈنۈملۈك تەدبىردىن پايدىلىنىپ، ئايال كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

  تۆتىنچى تۈركۈمدە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە قەشقەر ۋىلايىتىگە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى رامىلە مۇھەممەت مۇنداق دېدى: «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىپ، زىممەمدىكى ۋەزىپىنىڭ خېلىلا ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن خىزمەت ئەترىتى تەركىبىدە كەنتكە بارغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، خىزمەتنى تېخىمۇ بەجانىدىللىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ مەدەنىي ئائىلىلەرنى بەرپا قىلىش، ئەڭ گۈزەل ئۈلگىلىك ئائىلىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر