باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلغىلى بىر يىل بولغاندا، مۇخبىر جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى

ئىناۋەت بىلەن كېپىللىك بولغاچقا، قەرز ئېلىش ئاسانلاشتى

2017.02.16 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزا يېرىنى ھۆددىگە ئېلىشنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى ھۆددىگە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئايرىپ چېقىلغاندىن كېيىن، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ مۈلۈك ھوقۇقىغا ئوخشاش دېھقانلارنىڭ رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىشىدىكى يېڭى ئۇسۇلغا ئايلاندى. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى «ئىككى ھوقۇق»نى رەنىگە قويۇپ قەرز بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلغان رايونلارغا قانۇن بويىچە ھوقۇق بېرىلگىنىگە بىر يىل بولدى، نەتىجىسى قانداق بولدى؟ مۇخبىر جۇڭگو خەلق بانكىسىغا ئەگىشىپ جېجياڭ ئۆلكىسىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى.

  2016- يىلنىڭ ئاخىرى دېھقانچىلىق مەيدانىمىز 500 مودىن ئارتۇق يەرنى ئوبوروت قىلىپ، ئۈزۈم، شاپتۇل، قوغۇن تېرىغاندىن باشقا، يەنە 200 نەچچە خۇياڭ قويى، توخۇ قاتارلىقلارنى بېقىپ، 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ساپ پايدا ئېلىشنى مۆلچەرلىدۇق، دېدى جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرى خەييەن ناھىيەسى چىڭليەن ئىبادەتخانىسى يېزىسىدىكى لۇ جيەنمىڭ، ئۇ 20 نەچچە يىل باقمىچىلىق قىلىپ پۇل تاپالماي، 2013-يىلى نەچچە يۈز مو يەرنى ئوبوروت قىلىپ، خەييەن ناھىيەلىك «بەيخېمېي» ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قۇرغاندىن كېيىن، ئاستا-ئاستا بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغان.يەرنى ئوبوروت قىلىش پەقەت بىر باشلىنىش، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىنقى مەزگىلى سېلىنما كۆپ، ھاسىلات ئاستا، مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش دەۋرىي ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، پارنىك قۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان پولات تۇرۇبىنىڭ سىرتقى قېپىغىلا نەچچە 100 مىڭ يۈەن كېتىدۇ، بۇنچە كۆپ پۇل بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟

  لۇ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ھەنىم بولسا مۇنداق ياخشى سىياسەت باركەن، ھازىر قەرز ئالالايدىغان بولدۇم. خەييەن يېزا ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە ئىجارە ھەققىنى تۆلەپ ئېشىپ قالغان مۇددىتى، ئوبوروتقا سېلىنىش باھاسى، مال پۇلىنى تۆلەش، مۆلچەرى كىرىم قاتارلىقلار بويىچە باھالىغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەيلا 1 مىليون 800 مىڭ يۈەنلىك يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ رەنىلىك قەرز پۇلىنى بەردى، بۇنىڭغا 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن كېپىللىك قەرز پۇلى، 200 مىڭ يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇلىنى قوشۇپ، دېھقانچىلىق مەيدانىغا كېرەكلىك مەبلەغ ناھايىتى تېزلا توپلاندى.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى خەييەن ناھىيەلىك شۆبە بانكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ شىڭچۈەن مۇنداق دېدى: مەزكۇر ناھىيەگە «ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش __ ئوبوروت قىلىش ___ رەنىگە قويۇش» تەرتىپى بويىچە ئايرىم-ئايرىم يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى، يەر ئوبوروتى باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى ۋە باشقا ھوقۇق گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ، يەر ھۆددىگە ئېلىش، باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش، رەنە كېپىللىكى قاتارلىق ھوقۇقلارنى بېرىپ، يەر ھۆددىگە بەرگۈچى، ئوبوروت قىلىپ باشقۇرغۇچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنى مال-مۈلۈك ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتلىنىش ھوقۇقىدىن باراۋەر بەھرىمەن قىلدۇق. ھازىر، 71015 ئائىلىلىكنىڭ 325 مىڭ 500 مو ھۆددىگە ئالغان يېرىگە ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش گۇۋاھنامىسى بېرىش %100 تاماملاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېزا يەر ھوقۇقىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بىلەن رەنىلىك قەرز بېرىش پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش ئىشقا ئېشىپ، سودا تېخىمۇ جانلاندى. ھازىرغىچە، پۈتۈن ناھىيە بويىچە يېزا يېرىنى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش سوممىسى 105 مىليون يۈەنگە يېتىپ، جەمئىي 345 مىليون يۈەن قەرز پۇلى تارقىتىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر