باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان «بىر راكېتادا 104 سۈنئىي ھەمراھ» قويۇپ بېرىپ دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى

2017.02.16 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ھىندىستان 15-فېۋرال PSLV-C37 توشۇغۇچى راكېتادىن پايدىلىنىپ «بىر راكېتادا 104 سۈنئىي ھەمراھ» قويۇپ بېرىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ 2014-يىلى ياراتقان «بىر راكېتادا 37 سۈنئىي ھەمراھ» قويۇپ بەرگەن دۇنيا رېكورتىنى بۇزدى. ئالەم قاتنىشى مۇتەخەسسىسى، «خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى» ژۇرنال تەھرىراتىنىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى چۇڭ جىخاۋ پەن-تېخنىكا گېزىتى مۇخبىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر قېتىمدا بۇنچە كۆپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش تېخنىكىسى قىيىن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن راكېتانىڭ ماس قەدەملىك ئوربىتىدا توشۇش ئىقتىدارى 1.5 توننا بولۇپ، توشۇش ئىقتىدارى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىنمىدى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن 104 سۈنئىي ھەمراھتا، ئېغىرلىقى 730 كىلوگىراملىق ھىندىستان «خەرىتە سىزىش-2D» ئاساسىي سۈنئىي ھەمراھ قىلىنغان بولۇپ،19 كىلوگىراملىق ئىككى مىكرو سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئېغىرلىقى 10 كىلوگىرامغا يەتمەيدىغان 101 نانو سۈنئىي ھەمراھى بار. نانو سۈنئىي ھەمراھىدا، ئامېرىكا پىلانېتا تەجرىبەخانىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ «كەپتەر توپى» 88 سۈنئىي ھەمراھى بار، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى بەش كىلوگرام ئەتراپىدا بولۇپ، يەر يۈزىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلار ئوربىتىدا يۈرۈۋاتقان ئوخشاش تۈردىكى سۈنئىي ھەمراھ بىلەن يەر يۈزىنى يىراقتىن كۆزەتكۈچى يۇلتۇز تۈركۈمىنى شەكىللەندۈرىدىغان بولۇپ، تۆت مېتىر ئارىلىقتا پەرقلەندۈرەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىم يەنە ئېلىمىزنىڭ تيەنيى تەجرىبەخانىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەريان قۇرۇلۇشى تەتقىقات ئورنى، مېخانىكا ئورنى ۋە ئىسرائىلىيە بوشلۇق دورا شىركىتى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ مىكرو ئېغىرلىق كۈچى خىمىيە سانائىتى ئىلمىي تەجرىبە قىلىپ «چېن جيايۇڭ-1» (ئىنگلىزچە «دىدو-2» دېيىلىدۇ) ناملىق سۈنئىي ھەمراھىنى ياساپ چىقتى، ئېلىمىز بۇ سۈنئىي ھەمراھتىن پايدىلىنىپ تۇنجى قېتىم ھاۋا بوشلۇقىدا خىمىيە سانائىتى ساھەسى ئىلمىي تەجرىبىسىنى ئىشلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر