باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز مەھەللىلەردە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلىتىدۇ

2017.02.16 16:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىز تۈزگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەھەر - بازار مەھەللىرىدە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى باھالاش چارىسى» مەھەللىلەردە تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، 2003 - يىلىدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 2300 دىن ئارتۇق مەھەللىدە ئەمگەك - ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت پونكىتى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىز خادىملارنى باشقۇرۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلغان. بۇ مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدىن مەسلىھەت بېرىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش، كەسىپ تونۇشتۇرۇش ۋە كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  «باھالاش چارىسى» بۇنىڭدىن كېيىن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەھەللە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى ياخشىلاش، مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى باشقۇرۇش، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تىزگىنلەش، تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزلىمە نىشان - ۋەزىپىسىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش، مەھەللىلەردە تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن. مەھەللىلەردىكى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى باھالاش ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر