باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈريول ج خ ئورگانلىرى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ساختا بېلەتكە چېتىشلىق دېلودىن 269نى پاش قىلدى

2017.02.16 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ تۆمۈر يول ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۆمۈريول ج خ ئورگانلىرى قانۇن بۇزۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇپ، ساختا بېلەت ۋە ساختا كىنىشكا ياساپ سېتىپ ئىشلىتىشتەك قىلمىشلار ۋە بېلەت ھايانكەشلىكىگە چېتىشلىق ئالدامچىلىقلار دېگەندەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بەرگەن بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ساختا پويىز بېلىتى سېتىشقا چېتىشلىق دېلوسىدىن 269ى پاش قىلىنىپ، 63 مىڭ 978 تال ساختا بېلەت تەكشۈرۈلۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جايلاردىكى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىر تەرەپتىن خەلق ساقچىلىرىنى تەشكىللەپ بېلەت سېتىش زالى ۋە مەيدانلاردىكى چارلاشنى كۈچەيتىپ، ساختا بېلەت ساتقان جىنايەت گۇماندارىنى ۋاقتىدا قولغا چۈشۈرگەن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئالاقە تورىدىكى چارلاشتا چىڭ تۇتۇپ، بىر قىسىم نۇقتىلىق تور مۇنبەرلىرىگە دىققەت قىلىپ، ساختا بېلەت ساتىدىغان ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا بايقىغان. جايلاردىكى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى تۆمۈر يول تارماقلىرى بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ھەقىقىي ئىسى بىلەن پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش تۈزۈمى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر