خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 16-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار شەھەر باشقۇرۇش-قانۇن ئىجرا قىلىش فورمىسىنى كۆرگەزمە قىلماقتا.
دۆلەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىكتە «شەھەر باشقۇرۇش-قانۇن ئىجرا قىلىش فورمىسى ۋە بەلگە-شىفىرلىرى بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تارقاتتى. «چارە»دە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن مەملىكەت بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش فورمىسى ۋە بەلگىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى