خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتوندىكى ئاقسارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ (ئوڭدا) زىيارەتكە كەلگەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نېتانىياخۇ بىلەن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ شۇ كۈنى، پەقەت ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىككى تەرەپ قوشۇلسىلا، ئۆزىنىڭ «بىر دۆلەت لايىھەسى» ياكى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئارقىلىق ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ ئىپادە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۆپ نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھىسى»نى قوللاش مەيدانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى