خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىلنىڭ بېشى باھاردىن، شىنجاڭ بويىچە باھار ئەڭ بالدۇر كېلىدىغان تۇرپان شەھىرى كۆچەت تىكىپ ئورمان ئەھيا قىلىشتىمۇ ئەڭ ئالدىدا ماڭىدۇ.
15-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك كۆكەرتىش، ئورمان ئەھيا قىلىش ۋە ھاشاراتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى، تۇرپان شەھىرى 58 مىڭ 344 مو ئورمان ئەھيا قىلىش، 60 مىڭ مو يەردە دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈشنى پىلان قىلغان ۋە ھازىردىن باشلاپ ئىشلەشكە تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان شەھىرىنىڭ مەركەزىي رايونىدا 28 مىڭ 666 مو ئورمان بەرپا قىلىنىدۇ. «پۈتۈن كەنت بويىچە ئالغا سىلجىتىش» ئېتىز-ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى 1524 مو بولۇپ، قالغان ئادەتتىكى ئىھاتە ئورمىنى 28 مىڭ 154 مو بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ئاساسىي يول كۆكەرتىش كۆلىمىدىن 554 مونى تاماملاش پىلانلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى