باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

30 مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنى باشقۇرۇشقا يېڭى قائىدە چىقىرىلدى (سىياسەتتىن يەشمە)

ئوقۇشنى باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملاشقا رۇخسەت قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسەن ئەرز قىلىشى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

2017.02.17 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، بۇ «بەلگىلىمە» بۇ يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ›بەلگىلىمە‹ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلىشىنى تۈزۈم مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى». مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىدىكى مەسئۇل يولداش ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بەلگىلىمە» گە ئاساسەن، ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەرنىڭ ئېلاستىكلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يىلىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى باسقۇچقا بۆلۈپ تاماملىشىغا رۇخسەت قىلىندى. يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى »ئىلتىماس قىلىپ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنمۇ ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلەش بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ ئۇزاق ئوقۇش يىل سانى مۇستەقىل بېكىتىلدى ھەم ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاشنى تەستىقلاش تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرۇلدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىلىق يارىتىشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختاپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى مەكتەپ تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار كەسپىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىشىگە رۇخسەت قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى تاللانما تەننەرخى ئازايتىلدى؛ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ۋە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىش، پاتېنتقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش قاتارلىقلار بىلەن كەسىپ ئۆگىنىش، ئوقۇش تەلىپىگە ئالاقىدار جەريان، نەتىجىلەرنى ئوقۇش نومۇرىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاپ، ئوقۇش نەتىجىسىگە كىرگۈزۈپ، مەكتەپلەرنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارخىپى تۇرغۇزۇش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئوقۇش نومۇرى تەسىس قىلىشقا رىغبەرلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش تەربىيەسى كۈچەيتىلدى؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەزگىلىدە تاللاپ ئۆگەنگەن دەرسلىرى ۋە ئېرىشكەن ئوقۇش نومۇرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقىتلىق توختىشى، ئوقۇشتىن چېكىنىشى، ئوقۇش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى، مەكتەپتىن ھەيدىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن توختىغان بولسا، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئېرىشكەن ئوقۇش نومۇرىنى ساقلاپ قېلىشقا بولىدۇ، ئوقۇشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ياكى قايتا ئوقۇشقا كىرگەن ئەھۋالدا، تاللاپ ئۆگەنگەن دەرسلەردە ئېرىشكەن ئوقۇش نومۇرىنى ئېتىراپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

  «بەلگىلىمە» دە، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇش، ئۆزىگە ئۆزى مۇلازىمەت قىلىش، ئۆزىنى ئۆزى تەربىيەلەش، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشىنى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش يولغا قويۇلدى. بۇ مەسئۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بەلگىلىمە» بويىچە مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاسپىرانتلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىقلارنىڭ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىشىنى زۆرۈر شەرتلەر بىلەن تەمىنلىشى؛ ئوقۇغۇچىلار بەھرىلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇق-مەنپەئەتكە دائىر ماددىلاردا، «مەكتەپ باشقۇرۇشقا مۇۋاپىق شەكىلدە قاتنىشىپ، مەكتەپ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ئىشلارنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، ئىپادىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك» لىكى تەلەپ قىلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى يەنىمۇ قوغدالدى؛ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلىشى، مۇكاپاتلىشى ۋە ئىمتىھانسىز كىرىدىغان ئاسپىرانتلار، دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى تاللاپ كۆرسىتىش قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار ئىشلاردا ئاشكارا، ھەققانىي، ئادىل بولۇش تەرتىپى ۋە بەلگىلىمىسى بەرپا قىلىندى؛ جازالاش مۇددىتى تۈزۈمى بەلگىلىنىپ، مەكتەپ جازالاشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارغا پاكىت، سەۋەب ۋە ئاساسنى ئۇقتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بايان قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى، مەكتەپ چىقارغان چوڭ-چوڭ جازا قارارلارنى مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ قارار قىلىشىغا يوللىشى بەلگىلەندى.

  «بەلگىلىمە» دە، «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسەن ئەرز قىلىشى» غا دائىر بىر ماددا يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، ئىلتىماسەن ئەرز قىلىش تۈزۈمى ۋە تەرتىپى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسەن ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىشى تەلەپ قىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسەن ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش كومىتېتىنىڭ مەجبۇرىيىتى كۈچەيتىلىپ، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتى كۆپەيتىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسەن ئەرزىنى قوبۇل قىلىشى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر