باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«يېرىم يىل بىكار تۇرۇش»تىن «ھەممە پەسىلدە ساياھەتچى بار بولۇش»قا ئۆزگەردى

سايرام كۆلى قىش پەسىللىك قار-مۇز ساياھىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى

2017.02.16 17:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ئاياغلاشقان پانۇس بايرىمىدا، سايرام كۆلى ساياھەت رايونى 22 مىڭ 970 ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 352 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، سايرام كۆلىنىڭ قىش پەسىللىك قار-مۇز ساياھىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نەتىجە يارىتىلدى.

  سايرام كۆلىنىڭ قىش پەسىللىك قار-مۇز ساياھىتى بايلىقى ئىنتايىن ئۆزگىچە بولۇپ، 458 كىۋادرات كېلومېتىر كېلىدىغان كۆل يۈزىنى كۆپكۆك مۇز قاپلايدۇ، «كۆك مۇز»، «ئاسمان ئەينىكى» دەيدىغان چىرايلىق ناملىرى بار. ساھىلدا «ئاسما مۇز»، «مۇز چېچىكى»، «مۇز كۆپۈكچىسى»، «مۇز يېرىلىش ئاۋازى» قاتارلىق مەنزىرىلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. قىش پەسلىدە، سايرام كۆلىنىڭ ئالاھىدە ساياھەت بايلىقى كەڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىنىڭ جەننىتى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ قار-مۇز ئاپتوموبىل ھەرىكىتى ھەۋەسكارلىرىغا چوڭ تەبىئىي سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  بۆرتالا ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى دەن لىپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۆرتالا ئوبلاستىنىڭ قار-مۇز ساياھىتى تەرەققىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇنجى قېتىملىق «سايرام كۆلى قار-مۇز بايرىمى» ئۆتكۈزگەندىن باشلاپ ھازىرغا قەدەر، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 100 مىڭ قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر