باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىپەك يولى كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى 2019- يىلى تىجارەت باشلايدۇ

2017.02.16 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، رايونىمىزدا 10 مىليارد يۈەنلىك مەدەنىيەت ساياھەت كەسىپ توپى بەرپا قىلىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ساياھەت مەركىزى، يىپەك يولى كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى، داۋانچىڭ غەربىي رايون ناخشا شەھىرى قاتارلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  تۈنۈگۈن، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يىپەك يولى كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يىپەك يولى كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى 2019- يىلى 7- ئايدىن 9- ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تىجارەت باشلايدۇ.

  يىپەك يولى كۆڭۈل ئېچىش دۇنياسى قىزىلنۇر تېغى ساياھەت مەنزىرە رايونىغا جايلاشقان. مەزكۇر تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 817 مو، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 760 مىڭ كىۋادرات مېتىر، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ سەككىز مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇ، مال سېتىۋېلىش مەركىزى، چوڭ بازار، ئىستىراھەت مېھمانسارىيى ، ئۆي ئىچى ئاساسىي تېمىلىق شادلىق باغچىسى، ئۆي ئىچى سۇ ئۈستى باغچىسى، ئۆي سىرتى ئاساسىي تېمىلىق شادلىق باغچىسى، دېڭىز سارىيى، ئۆي ئىچى قارـ مۇز پائالىيەت سارىيى قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت، ساياھەت سودا ئۇنىۋېرسال تۈرى قاتالىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر تۈرنىڭ توپا قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشقان.

  تۈرلەر ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، كۈنلۈك كۈتۈۋالالايدىغان ساياھەتچى سانى 30 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، يىلىغا 200 مىليون يۈەنگە يېقىن باج تاپشۇرۇدىكەن، ھەمدە 20 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر