باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ قىرىمنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

رۇسىيە تەرەپ قاتتىق رەت قىلدى

2017.02.17 14:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە 15- فېۋرال ئامېرىكا ئاقساراينىڭ قىرىم مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىپادىسىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىرىمنى ئۇكرائىناغا بەرمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تەھلىلچىلەر، رۇسىيەنىڭ «كەسكىن رەت قىلىشى» رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەردە زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ بارلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نورماللىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى، دەپ قارىدى.

  2014-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا غەرب ئەللىرى قىرىم مەسىلىسى ۋە ئۇكرائىنا توقۇنۇشى سەۋەبلىك رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتا جازانى يەنە بىر قېتىم ئۇزارتىدىغانلىقىنى ۋە كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ رۇسىيەنىڭ قىرىمنى قوشۇۋالغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن جازالاش تەدبىرلىرىنى قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. ترامپ ھەتتا تېخى ئالدىنقى ئاينىڭ 15-كۈنى ئەنگلىيە «تايمىس گېزىتى» ۋە گىرمانىيە «رەسىم گېزىتى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيە ئەگەر ئامېرىكا بىلەن يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش كېلىشىمىنى ئىمزالاشقا ماقۇل بولسا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازانى بوشاشتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە رۇسىيەگە بىر تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

  ئاق ساراي باياناتچىسى شوئېن سپەيس 14-فېۋرال قىرىم مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئېلىپ، ترامپنىڭ رۇسىيە بىلەن «ئوبدان چىقىشىپ ئۆتۈش»نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى پەسەيتىشنى ھەمدە قىرىمنى ئۇكرائىناغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

  بۇنىڭغا قارىتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئاخبارات كاتىپى دىمىترى پېسكوف 15-فېۋرال ئىنكاس قايتۇرۇپ، قىرىم مەسىلىسىدە ھىچقانداق مەسلىھەت ئېھتىماللىقى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر