باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى 2017-يىلى بىرىنچى ئايدا ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %19.6 ئاشتى

2017.02.17 13:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى 2017-يىلى بىرىنچى ئايدا ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %19.6 ئېشىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى، ئەمما يەككە ئايلىق ئىمپورت-ئېكسپورت سانلىق مەلۇماتى پۈتۈن يىللىق ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى سودىسى دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت يەنىلا ئېغىر ۋە مۇرەككەپ.

  سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ دۇڭتاڭ مۇنداق دېدى: بىرىنچى ئايدا ئىمپورت ئېكسپورتتا ئېلىمىزنىڭ بۇلتۇردىن بۇيانقى تاشقى سودىدىكى مۇقىملىشىش ۋە ياخشىلىنىشقا باشلاش ۋەزىيىتى ۋە داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاپ قېلىندى. نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گوۋۇيۈەن تاشقى سودىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش ئۈچۈن، بىر قاتار سىياسەت ھۆججەتلەرنى چىقاردى، جايلار ۋە تارماقلار بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتتى. شۇنىڭ بىلەن بى ۋاقىتتا بۇ، ئىمپورت-ئېكسپورتتا باھانىڭ ئۆرلىشى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلارنىڭ مىقدارى بىلەن باھاسىنىڭ تەڭ ئۆرلىشى شۇنداقلا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە ئاساسىي سانلىق مەلۇمات بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئامىللار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر