باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 169ى ئۈرۈمچىگە ماكانلاشتى

2017.02.16 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىلەمسىز، 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 169ى ئۈرۈمچىگە بەس-بەستە ماكانلاشتى، 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كارخانا باش ئىشىتابىنى ئۈرۈمچىگە كۆچۈرۈپ كەلمەكچى .

  ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: «كۈچلۈكلەرنى چاقىرىش» ۋە «سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ تاللاش»تا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى، بولۇپمۇ دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى كىرىپ مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك.

  2- ئاينىڭ 14- كۈنى سىياسىي كېڭەش يىغىنى ئىقتىسادىي ۋە يېزا ئىگىلىك ساھەسى بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمەت ئىدارىسى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىقتىساد-تېخنىكا ھەمكارلىق ئىشخانىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى (مۇئاۋىن مۇدىرى) ۋېي جىخۇي مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر يىل ئاخىرىغىچە، دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا (دۆلەت ئىچىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)دىن 29 كارخانىنىڭ تۈرلىرى ئۈرۈمچىدە بار بولدى، جۇڭگودىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ( پۇل مۇئامىلە، خەۋەرلىشىش، قاتناش تۈرىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئۈرۈمچىگە ماكانلىشىپ بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر