باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگونىڭ ھىندىستان تەرەپنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلىرىگە قاتتىق ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2017.02.16 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 15-فېۋرالدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ھىندىستان تەرەپنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلىرىگە كەسكىن ئارىلىشىدۇ. ھىندىستان تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرۇشىنى، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، تەيۋەندىكى ئۈچ نەپەر «قانۇن چىقىرىش ھەيئىتى» نۆۋەتتە ھىندىستاندا زىيارەت بولۇۋاتقان بولۇپ، يەنە ھىندىستان تەرەپكە «تەيۋەننىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان. بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئوبزورىدا، ھىندىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇڭگودىن «ئۆچ ئېلىش» دېيىلگەن.

  گېڭ شۇاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئەزەلدىن جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ئۇچرىشىشى ۋە بېرىش-كېلىش قىلىشىغا، ھەر قانداق ھۆكۈمەت تەرەپ خاراكتېرىنى ئالغان ئورگانلارنى تەسىس قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ كەلدۇق. بۇ مەيدانىمىز ئېنىق ۋە ئىزچىل.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ھىندىستان تەرەپنىڭ تەيۋەنگە چېتىلىدىغان مەسىلىدە ۋەدىسى بار. ھىندىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو يادرولۇق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىشى ۋە چۈشىنىشىنى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىنى، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىنى، جۇڭگو- ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر