باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شى شياۋمىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2017.02.17 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تيەنجىن شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى شى شياۋمىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، جاۋابكار شى شياۋمىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ھەمدە بارلىق شەخسي مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى؛ شى شياۋمىڭنىڭ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن پۇل-مېلى ۋە ئۇنىڭدىن تاپقان پايدىسى تاپشۇرغۇزۇلۇپ، دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلدى. شى شياۋمىڭ سوتتا ھۆكۈمگە قايىل بولۇپ، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت قىلىنىش ئارقىلىق، جاۋابكار شى شياۋمىڭنىڭ 1996-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئىقتىسادىي سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ھەق تەلەپ سوت 2- كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقى، سوت ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ ياكى ۋەزىپە ۋە خىزمەت جەريانىدا شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى دېلونى بىر تەرەپ قىلىش، شىركەتنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بىلەن تەمىنلىگەن، ئالاقىدار خادىملار بەرگەن، خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا 114 مىليون 596 مىڭ 934 يۈەنلىك مال-مۈلۈكنى تۇغقانلىرى ھەمدە ئۆزى بىۋاسىتە قۇبۇل قىلغانلىقى ئېنىقلانغان ھەم ئۆزىمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان.

  تيەنجىن شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: جاۋابكار شى شياۋمىڭنىڭ قىلمىشىدىن پارا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. شى شياۋمىڭنىڭ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش قىلمىشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پارا بەرگۈچىلەرنىڭ بەرگەن پارىلىرىنى تۇغقانلىرى قوبۇل قىلغان، پارا پۇللىرىنى تۇغقانلىرى قۇبۇل قىلىپ، تۇغقانلىرى ئىشلەتكەن، جاۋابكار ئەھۋالنى ئىشتىن كېيىن بىلگەن؛ دېلو تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن جىنايەت قىلمىشىنى ئەينەن ئىقرار قىلغان ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى ئورگانلار تېخى ئىگىلىمىگەن بىر قىسىم پارا ئېلىش جىنايىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرغان؛ جىنايىتىنى تونۇپ توۋا قىلغان، زاڭ مال، ھارام پۇل، ھارام مالنى تولۇق قايتۇرغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازالاش ئەھۋاللىرى بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىشكە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى يۇقىرىقىدەك ھۆكۈمنى چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر