باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قايلور بازىرى پارتىيە ئىستىلى،پاكلىق قۇرۇلۇشى ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇردى

2017.02.16 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارى مۇخبىر زۆھرەگۈل ھامۇت،تىرەن يوۋشى خەۋىرى:

  پارتىيە ئىستىلى،پاكلىق قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن،قايلور بازىرى گۈزەلبوستان يېزىلىق خىزمەت ئەترىتى،كەنت پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى پاكلىق ئىبرەت تەربىيەسى پائالىيىتى تەدبىرلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ،چىڭ تۇتۇپ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پاك-تەلەپچان بولۇپ،«تۆت خاھىش»قا قارشى تۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈردى.

  1.پاكلىق تەربىيەسى دەرسى سۆزلەندى.بارلىق كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يېڭى يىلدا پاكلىق تەربىيە دەرسى سۆزلەپ،پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى مەركەزلىك ئۆگىنىپ،كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ،ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆزئارا زىيارەت قىلىش،سوۋغا سالام بېرىش،زىياپەت بېرىش قاتارلىق پاكلىق ئىنتىزامى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ،پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ئاڭلىق قوغداش تەلەپ قىلىندى.

  2.پاكلىق ئىبرەت ئېلىش فىلىمى كۆرۈلدى.پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ،«ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ»ناملىق مەخسۇس تېمىلىق ھۆججەتلىك فىلىمنى مەركەزلىك كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ئىبرەت ئېلىش فىلىمى ئارقىلىق،ئىنتىزامنى تەكىتلەپ،پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك،مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ خىزمەت ئىكەنلىكىگە بولغان ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈردى.

  3.پاكلىق مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلدى.كەنت ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ھەيئىتى مۇدىرى ۋەكىللىكىدىكى پاكلىق مەدەنىيىتى خالىس تەشۋىقاتچىسى،تەۋەلىك رايوندىكى كەنت(شەھەر)ئاھالە يېزا پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ،پاكلىق مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ،قويۇق پاكلىق مەدەنىيەت كەيپىياتى يارىتىپ،كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پاكلىق ئېڭى،قانۇن ئېڭى ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر