باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ ۋىيېتنام پورت خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈلۈشى ھەققىدە جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپنىڭ ناماقۇل بولۇشى ۋە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلدى

2017.02.17 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 16- فېۋرال مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش دائىمىي يىغىنىدا، جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ يېقىندا ۋىيېتنام پورت خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈلۈشى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپنىڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش دائىمىي يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنۇلارنى سورىدى: ئېلان قىلىنغان دوكلاتلارغا ئاساسلانغاندا، ۋىيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ ۋىيېتنام پورت خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈلۈشى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىش ھەققىدە بىز بىلەن سۆزلىشىۋاتىدۇ، بىز ۋىيېتنام تەرەپمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلاپ چىقىشتا چىڭ تۇتۇپ، ھەم پاكىتقا ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىمىز، دېگەن. جۇڭگو تەرەپتىن بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىلەر؟ سىز جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەلەمسىز؟

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىش توغرىسىدا ۋىيېتنام تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلەشتى. 16- فېۋرال، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بۇ ئىش توغرىسىدا ۋىيېتنامنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن مەخسۇس كۆرۈشۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كەسكىن مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. جۇڭگونىڭ ۋىيېتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىمۇ خانويدا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ۋىيېتنام دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى بىلەن كۆرۈشتى. جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنام تەرەپنىڭ زىيانغا ئۇچرىغۇچىلاردىن كەچۈرۈم سورىشى ۋە ئۇلارغا تۆلەم بېرىشىنى، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشنى، ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  گېڭ شۇاڭ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ۋىيېتنام تەرەپ مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق سەككىز كىشىگە ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ قويۇش قارارىنى چىقاردى. «بىز داۋاملىق تۈردە ۋىيېتنام تەرەپنىڭ ئەستايىدىل بولۇپ ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پوزىتسىيەسىدە تۇرۇپ، بۇ ئىشنى ئۈزۈل-كېسىل مۇۋاپىق ھەل قىلىشىنى كۈتىمىز ۋە شۇنىڭغا ئۈندەيمىز.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر