باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ موزامبىك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ماكمۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2017.02.17 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 15-فېۋرال موزامبىك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىنىڭ باشلىقى ماكمۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن موزامبىك بوران چاپقۇنلاردا بىرگە بولغان، خۇشاللىق ۋە ئازاب ئوقۇبەتلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ياخشى دوست، ياخشى شېرىك ۋە ياخشى قېرىنداشلار. بۇلتۇر 5-ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ نېۋسى بىرلىكتە، جۇڭگو موزامبىك مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلاپ، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ماكرولۇق پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. جۇڭگو موزامبىك بىلەن ھەمكارلىشىش قارىشى ۋە پايدا مەنپەئەت قارىشىغا سەمىمىيلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، موزامبىك بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-موزامبىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن، كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  جاڭ دېجياڭ يەنە مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى سۆھبەت ۋە بىرلىكتە ئىمزالىغان ئىككى دۆلەت قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىرىنچىدىن، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز ئارا ئىشىنىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. ئىككىنچىدىن، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش ياخشى مۇھىتى يارىتىلىدۇ. تۆتىنچىدىن، خەلق ئىچىدىكى ۋە يەرلىكلەرنىڭ دوستانە بېرىپ-كېلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئالاقە ۋە ھەمكارلىق ئۈچۈن كۆۋرۈك سېلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئەل رايى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىي ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ.

  ماكمۇ مۇنداق دېدى: موزامبىك پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، موزامبىك بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر