باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 72 ئادەم قازا قىلدى

2017.02.17 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى سىندى ئۆلكىسى سېھۋان ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 16-فېۋرال كېچىدە، سېھۋان رايونىدىكى بىر دىنىي سورۇندا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدا 72 ئادەم قازا قىلىپ، 200 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ سېھۋان سەھىيە ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلار ئىچىدە نۇرغۇن ئايال ۋە بالا بار ئىكەن. يارىلانغانلار سانى كۆپ بولغاچقا، سېھۋان رايونى تىك ئۇچار ئايروپىلان ئەۋەتىپ، قىسمەن يارىدارلارنى ھەيدەرئاباد ۋە كاراچىغا ئاپارغان. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ھەربىي تەرەپنىڭ قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغان.

  سېھۋان رايونىدىكى بىر ئالىي دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بۇ دىنىي سورۇننىڭ دەرۋازىسىدىن سۇقۇنۇپ كىرىۋالغاندىن كېيىن، ئېلىۋالغان پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى پارتلاتتى. پارتلاش يۈز بەرگەندە، شۇ دىنىي سورۇن ئىچىدە تەخمىنەن 500 دىن 800گىچە ئادەم بار ئىدى. نۆۋەتتە، نۇرغۇن ھەربىي ۋە ساقچى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداننى قامال قىلدى.

  رادىكال تەشكىلات «شام ئىسلام دۆلىتى» بۇ قېتىمقى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر