باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىلان» نى بېسىپ تارقىتىپ، « <13-بەش يىل> مەزگىلىدىكى تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش پىلانى» نى ئىلگىرى سۈردى

2017.02.17 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «<13-بەش يىل> مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش پىلانى» «تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ›پىلان‹ دېيىلىدۇ» نى بېسىپ تارقىتىپ، «13-بەش يىل« مەزگىلىدە تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ زىيىنىنى يەنىمۇ ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىلان» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: توغرا سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، تېببىي دورىگەرلىك ۋە ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، تۇبېركۇليۇز كېلىسىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى بايقاش دوكلاتى، دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ۋە داۋالاشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق پۈتۈن ھالقىلىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ رەھبەرلىك قىلىش، تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، پۈتكۈل جەمئىيەت ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرلەرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرىنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىلان» دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش ۋە تۇبېركۇليۇز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن جەريانلىق قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى تۇبېركۇليۇز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنىڭ ئادىل، سىستېمىلىق، ئىزچىللىقىدىن بەھرىمەن قىلىش، تۇبېركۇليۇز كېسىلى قوزغالغان ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى يەنىمۇ ئازايتىش كېرەك. «پىلان» دا، ئاغرىقلارنى بالدۇر بايقاش، قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاشنى باشقۇرۇش، غەمخورلۇق قىلىپ قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش جەھەتتىن بىر قاتار كونكرېت مىقتارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر