باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى بېيجىڭدا رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتىنىڭ لىدىرى مىل بىلەن كۆرۈشتى

2017.02.17 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 15-فېۋرال بېيجىڭدا رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى شىركىتىنىڭ لىدىرى مېل بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، تەبىئىي گاز جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسى نامايان قىلىندى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-رۇسىيە نېفىت سودىسى ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش، شەرقىي لىنىيەدە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش، يامال سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاتارلىق زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، غەربىي قىسىم تەبىئىي گاز لىنىيەسى، يىراق شەرق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ تەبىئىي گازدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، يەر ئاستى تەبىئىي گاز ساقلاش ئىسكىلاتى، موتور يېقىلغۇسى شۇنداقلا ئۆلچەمنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە لاياقەتلىكنى باھالاش، نېفىتلىك مۇلازىمىتى، ئېنېرگىيە تېخنىكا جابدۇقلىرى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ پائال مۇقىم قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  مېل مۇنداق دېدى: رۇسىيە جۇڭگونى مۇھىم ئېنېرگىيە ھەمكارلىق شېرىكى دەپ قاراپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى بىرلىكتە يۇقىرى كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر