باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئەخلاق نەمۇنىچىسى «بالىلىرى»نى ئۇنتۇپ قالمىدى

2017.02.17 16:57   مەنبە: خەلق تورى

ئەخلاق نەمۇنىچىسى «بالىلىرى»نى ئۇنتۇپ قالمىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمانجان ئىسمائىل ، قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى، فوتوسى) مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى تەرىپىدىن مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنچىلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاش شەرىپىگە ئېرىشكەن سەمىمىي بوۋاي ۋاڭ جېڭيىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ شەھىرى قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى ئورنىغا قاراشلىق توقاي مەھەللىسىنىڭ يىغىن زالىغا كىرگەندە، گۈلسۈم ئەلا قاتارلىق ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھۆرمەت - ئېھتىرام ۋە قىزغىن چاۋاكلىرى بىلەن ئۇنى كۈتۈۋالدى . توقاي مەھەللە كومىتېت مۇدىرنىڭ « ئەخلاق نەمۇنىچىسى ۋاڭ جېڭيىڭنىڭ ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشلىرىدەك بۇلۇش› بويىچە قىيىنچىلىقى بار قىز ئوقۇغۇچىلارغا مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتى » توغرىسىدىكى قىسقىچە باشلىنىش سۆزىدىن كېيىن، ۋاڭ جېڭيىڭ بوۋاي سەھنىگە چىقىپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر بەش نەپەر ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ھەر بىرىگە 5000 يۈەندىن نەق پۇل تارقاتتى، ئاندىن: « قېرىنداشلىرىم، بۇ ئاز بولسىمۇ مىنىڭ كۆڭلۈم، گەرچە مەن جاپا تارتساممۇ، بىر كۈن ياشىسام خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى بىر كۈنگىچە داۋاملاشتۇرىمەن، سىلەر قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي تىرىشىپ ئۇقۇپ، ۋەتەنگە ياراملىق ئىز باسارلاردىن بولۇپ چىقساڭلار مەن ئالەمچە خۇشال بولىمەن » دېگەندە، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ، بۇ سۆيۈملۈك كىشىگە يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭراتتى.

  توقاي مەھەللىسىنىڭ 6-گۇرۇپپىسىدىن كەلگەن، شىنجاڭ ئىلىم - پەن ئۇچۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە تۇرغۇن ۋاڭ جېڭيىڭنىڭ ئالدىغا بېرىپ، « ۋاڭ بوۋا، مېنىڭ ئاپام كىچىك ۋاقتىمدا تۈگەپ كەتكەن، دادام ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان بولغاچقا، ئائىلىمىزدە قىيىنچىلىق ئېغىر ئىدى. سىز بۇلتۇرمۇ ئىككى قېتىمدا مېنىڭ ئوقۇشۇمغا 11 مىڭ يۈەن ياردەم قىلغان ئىدىڭىز، بۈگۈنمۇ ماڭا ساخاۋەتلىك قولىڭىزنى سۇندىڭىز، سىزگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن »، دېدى يىغلاپ تۇرۇپ. قۇمباش يېزىسىدىن كەلگەن گۈلسۈم ئەلا، توپلۇق يېزىسىدىن كەلگەن رەناگۈل ئېزىز ۋە تەجرىبە ئورمانچىلىق مەيدانىدىن كەلگەن پاڭ جۈنكې قاتارلىق ئوقۇغۇچىلارمۇ كۆز چانىقىدا لىغىرلاپ قالغان ياشلىرىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، «ۋاڭ بوۋا، ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ، بىز چوقۇم تىرىشىپ ئۇقۇپ، سىزنىڭ بىزگە قىلغان ياخشىلىقىڭىزغا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمىز»، دېيىشتى يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلىپ .

  سۈرەتتە: ۋاڭ جېڭيىڭ «بالىلىرى»غا ئۇقۇش پۇلى تارقاتماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·30 مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنى باشقۇرۇشقا يېڭى قائىدە چىقىرىلدى (سىياسەتتىن يەشمە)
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن دەرسلىرى باشقىدىن تەڭشىلىپ، 1- يىللىقتىن باشلاپ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسىنى ئۆلچەم قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنت…
    ·ئۈرۈمچىدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 13-چېسلا ئوقۇش باشلاندى
    ·شىنجاڭ 2017- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەت…
    ·ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 668 يەسلى سېلىنىدۇ
    ·تۈركمەنىستاننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى باشلاندى
    ·ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋاتلىق بولۇش ئاساسىي ماھارىتىگە يېڭى تەلەپ قويۇلىدۇ
    ·2017-يىلى ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلاردا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·2017- يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يۈزتۇرانە ئىمتىھانى بۇ ئايدا ئېلىنىدۇ