خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى، فوتوسى) ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتىكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيە بۇيىچە ئىدارە-ئورۇن، مەكتەپ، يېزا-بازار، مەھەللە كومىتېتى ۋە كەنتلەرنى بىرلىك قىلىپ، ھەر ھەپتىنىڭ 1-كۈنىنى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش كۈنى قىلىپ بېكىتتى ھەمدە ھەر قېتىملىق مۇراسىمدا ئامما مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئاڭلاپ، دۆلەت بايرىقىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار بولدى.
سۈرەتتە: 13-فېۋرال، قىزىل بازىرىنىڭ ئەركىنتۇر كەنتىدە ئامما دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى