باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭرىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «19-فېۋرال»دىكى مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

«خەلق گېزىتى» مۇخبىرلىرى ۋاڭ شياۋدۇڭ، ليۇ ۋېنبو، ساۋ شۇلىن

2017.02.20 09:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل چاغاندا «ئەڭ سېغىنىدىغان كىشى»، «كىچىك ھېسابات دەپتىرىگە باغلانغان چوڭقۇر مۇھەببەت»، «2016- يىلى قالتىس ئۆتتى!» قاتارلىق قىسقا تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئالاقە تورىدا كۆپ قېتىم قويۇلۇپ، كۆرۈلۈش نىسبىتى 100 مىليون(قېتىم)دىن ئاشتى. بۇ «خەلق گېزىتى»، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ئوتتۇرىغا چىقارغان «ئەمەلىي ئىشلەش» تەشەببۇس قىلىنغان تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، بۇ يىل باھاردىكى قىزىق نۇقتىلىق ئەسەرلەرگە ئايلاندى.

  ئاساسلىق تاراتقۇلار ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىپ، مىنۇت- سېكۇنتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن ئالاقە تورى دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، تەشۋىقاتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى. بۇ تاراتقۇ ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا ماسلىشىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى جامائەت پىكرى ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەپ زورايتىدىغان ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىدىن ئىبارەت.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2016- يىل 2- ئاينىڭ 19- كۈنى خەلق گېزىتخانىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ ئورنى، رولى، ۋەزىپىسى ۋە بۇرچى، پىرىنسىپى، تەلىپى قاتارلىق بىر يۈرۈش زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تارىخ ۋە رېئاللىق نۇقتىسىدىن چوڭقۇر شەرھلەپ، يېڭى دەۋر شارائىتىدا پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبىرىنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىشى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش. «پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى بەرپا قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى چوڭ ئىش». باش شۇجىنىڭ بۇ مۇھىم ھۆكۈمى ئاخباراتچىلارنىڭ بۇرچ تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

  ئېلىمىزنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى سېپىدىكىلەر بىر يىلدىن بۇيان باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قىبلىنەما قىلىپ، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، دادىل ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق ياراتقاچقا، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كېلىپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، ئاساسلىق تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش كۈچى، يېتەكلەش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئىناۋىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، يېقىنلىق كۈچى، قايىل قىلىش كۈچى داۋاملىق كۈچىيىپ، «ئىشچى- دېھقانلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر نىيەتتە ئىشلەيدىغان» ھەيۋەتلىك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن مىللەت ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  جامائەت پىكرى ئىستىھكامىنى ياخشى ساقلاپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىش

  جەنۇبىي دېڭىز كېسىم دېلوسى توغرىسىدا 2016- يىلى 7- ئايدا ئاتالمىش ئاخىرقى كېسىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «خەلق گېزىتى» يېڭى تاراتقۇلار مەركىزى ئېلان قىلغان «جۇڭگوغا ئالىقانچىلىك يەرمۇ كەم بولسا بولمايدۇ» دېگەن سۈرەتلىك خەۋەرنىڭ مىكرو بىلوگتا كۆرۈلۈش قېتىمى 260 مىليوندىن، كۆچۈرۈپ تارقىتىلىش قېتىمى 3 مىليوندىن ئېشىپ، بۇ سۈرەت تورداشلار قىزغىن ئالقىشلايدىغان يېڭى باش سۈرەت ھەم يان تېلېفون ئېكرانىغا چىقارغان يېڭى سۈرەتكە ئايلاندى.

  باش شۇجىغا بىر يىل ئىلگىرى خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن چاغدىكى مەنزىرە «خەلق گېزىتى»نىڭ ئوبزورچىسى فەن جېڭۋېينىڭ ھازىرقىدەكلا ئېسىدە بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك تاراتقۇ دەۋرىدە ئىجتىمائىي ئىدىيە كۆپ مەنبەلىشىپ، كۆپ خىللىشىۋاتىدۇ. پارتىيە گېزىتلىرىنىڭ ئوبزورلىرىدا چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى، پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى، يېتەكلەش ھوقۇقىنى تۇرغۇزۇپ، ئوخشاش بولمىغان توپلار ۋە ئوخشاش بولمىغان ئوبيېكتلار ئارىسىدا ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئەڭ چوڭ ئومۇمىي بۆلگۈچنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىش كېرەك.

  «خەلق گېزىتى» بىر يىلدىن بۇيان ئوبزور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى ئارقىلىق سۇپىنى كېڭەيتىپ، تەشۋىقات تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دادىل ئىلگىرىلەپ، جامائەت پىكرىنى كەسپىي ھەم ئىلمىي ئۇسۇل ئارقىلىق توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە گېزىتىنىڭ ئوبزورىنى ئومۇمىي بۆلگۈچنىڭ مۇجەسسەملىگۈچىسى، ئاكتىپ كۈچنى قوزغاتقۇچى، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتقۇچىغا ئايلاندۇردى. «خەلق گېزىتى» 2016 - يىلى «1- ئىيۇل» ھارپىسىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن» ئېلان قىلغان رېن جۇڭپىڭنىڭ «ئېتىقاد نۇرى كۈرەش يولىنى يورۇتتى»، «ھەقىقەت نۇرى گۈللىنىش مۇساپىسىگە باشلىماقتا» ناملىق ماقالىلىرىدە پارتىيەمىزنىڭ قاينام- تاشقىنلىق ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى «ئەخلاق» ۋە «ھەقىقەت»تىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن چوڭقۇر نامايان قىلىنغان.

  جامائەت پىكرى ئەل قەلبىنى، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى ئەل قەلبىنىڭ مايىللىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. نوپۇسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئاشىدىغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاكتىپ، ساغلام، قەددىنى تىك تۇتۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرى بەك مۇھىم!

  خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، بىز نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. شۇڭا، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلاپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىشىمىز كېرەك. «شۇنداق قىلغاندا پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ».

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى زاۋۇت ۋە يېزىلارنى يېرىم ئاي زىيارەت قىلىپ ئېلان قىلغان «باھارغا قاراپ يولغا چىققان يۆلەش پويىزى» ناملىق ئۇنىۋېرسال خەۋەرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈلۈشى 100 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى. 2016- يىل 10- ئاينىڭ 17- كۈنى «خاسىيەتلىك كېمە − 11 » ناملىق ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، «شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرلىرىنىڭ ئالەم خاتىرىسى» دېگەن تېمىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەر ئېلان قىلىندى، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى «شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى»غا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ «ئەرش ئوردىسى − 2» ناملىق ئالەم ئۇچقۇسى باش تېما قىلىنغان خەۋىرى دۇنيا ئالەم قاتنىشى تارىخى ۋە ئاخبارات تارىخىدىكى مۆجىزىگە ئايلانغان بولۇپ، توردا كۆرۈلۈشى 160 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشتى.

  ياخشى ھېكايىلەرنى تارقىتىپ، ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتۇش دەۋر ئاخبارات خىزمەتچىلىرىگە يۈكلىگەن بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت.

  ئۇزۇن سەپەر ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۇلۇغ ئىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك داستانى. چوڭ تاراتقۇلار ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەشنى پۇرسەت بىلىپ، «باشقىدىن دادىل قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەپ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈش» مەردانىلىكى بىلەن، ئۇزۇن سەپەر تارىخىنى قايتا نامايان قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى مەدھىيەلىدى.

  «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» «قىيىن ئۆتكەللەر ھېچ گەپ ئەمەس» تېمىسىدىكى چوڭ تىپلىق زىيارەتنى تەشكىللەپ، تۇنجى ماقالىدىن ئەڭ ئاخىرقى ئەسەرگىچە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەش»تىن ئىبارەت روشەن باش تېمىنى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈردى. ھەربىي مۇخبىرلار قاتمۇ قات تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جاپا- مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، يېڭى بىر ئەۋلاد ھەربىي مۇخبىرلارنىڭ غايە ئېتىقادى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى − پارتىيەنىڭ بولۇش، پارتىيە ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، يادرونى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىنى قەتئىي ئاڭلاش، ھەربىي قىسىم تاراتقۇسىنى پارتىيەنى سۆيىدىغان، پارتىيەنى قوغدايدىغان، پارتىيە ئۈچۈن دەيدىغان جامائەت پىكرى ئاساسىي بازىسىغا ئايلاندۇرۇش مەڭگۈ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىي مەقسەتتۇر.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى بىرىنچى پەسىلدە %6.7، ئىككىنچى پەسىلدە %6.7، ئۈچىنچى پەسىلدە %6.7، پۈتۈن يىللىق ئېشىش نىسبىتى يەنىلا %6.7 بولدى... جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 2016- يىلدىكى ئىپادىسى دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىچىدە شۈبھىسىزكى ئەڭ ياخشى بولدى، ئەمما %6.7 ئېشىش نىسبىتى يەنىلا مۇنازىرە قوزغىدى.

  «ئىقتىساد گېزىتى» پۈتۈن كۈچى بىلەن «ئىقتىساد يۇمىلاق ئۈستىلى» يۇغۇرما تاراتقۇ مەخسۇس ئىستونىنى تەسىس قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى ئىقتىساد ۋەزىيىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتلىرىنى چۈشەندۈرۈش، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى تەھلىل قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «چەت ئەللىكلەرنىڭ نەزەرىدىكى جۇڭگو» مەخسۇس ئىستونىدا چەت ئەللىك زاتلارنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىغا بولغان قاراش ۋە باھالىرىنى بېسىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدىن «ئۈمىدلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلەرگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى.

  تاراتقۇلار ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش، ئوقۇش، ئۆي بازىرى، پاي بازىرى، پېرېۋوت بازىرى، ئومۇميۈزلۈك ئىككى بالىلىق بولۇش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، تۇماننى تىزگىنلەش، جەمئىيەت ئامانلىقى... قاتارلىق خەلقنىڭ مەنپەئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئىدىيەۋى تونۇشتىكى بىردەك نۇقتا، ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشتىكى ئورتاق نۇقتا، مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدىكى گىرەلەشمە نۇقتا، زىددىيەتنى تۈگىتىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، «قانداق قاراش»قا ھەم «قانداق قىلىش»قا جاۋاب بەردى، ئەقلىي ئوبيېكتىپ سادالار كۈچىيىپ، ئەقلىي بولمىغان سادالار پەسەيدى.

  يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى ياخشى ئىشلىتىش، ئەۋزەللىكلەرنى ئالاقە تورى تەرەپكە كېڭەيتىپ، بايلىقنى كۆچمە تېرمىنالغا يىغىش

  چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان بىر موماي تولۇپ تاشقان مۇھەببەت بىلەن «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى رۇسچە ئېيتتى. ئۇ پارتىيەمىزنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى رەھبىرى چۈ چيۇبەينىڭ قىزى چۈ دۇيى بولۇپ، ئىلگىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق تۇنجى مۇخبىرى بولغان، ئۇنىڭ يېشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن تەڭ. چۈ چيۇبەي 1935- يىل 6- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۆزى تەرجىمە قىلغان «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى»نى ئېيتقىنىچە جازا مەيدانىغا تەمكىن ماڭغىنىدا، ئۇ ئارانلا 14 ياشتا ئىدى... بۇ 2016- يىلى «1- ئىيۇل» ھارپىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىشلىگەن مىكرو كىنو «قىزىل خىسلەت»تىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان بىر كۆرۈنۈش. بۇ مىكرو كىنونى 3000دىن كۆپ تور بېكىتى ۋە تېرمىنال كۆچۈرۈپ تارقاتتى، توردا كۆرۈلۈشى 200 مىليون ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى.

  پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندىمۇ بەكرەك يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئىقتىدار قەھەتچىلىكى» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا زامانىۋى تارقىتىش يېڭى تەدبىرى ۋە يېڭى ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنالايدىغان كەسىپ ئەھلىلىرىدىن بولۇپ يېتىلىش كېرەك.

  پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى خاتىرىلەشتىن ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەشكىچە؛ گۈزەل شىزىخۇ كۆلىدىن كۆركەم داۋوس بازىرىغىچە... تاراتقۇلار ئەڭ قالتىس ماھارەتلىرىنى ئىشقا سالدى، ھەر خىل ئاماللارنى قوللاندى، گېزىت، تور، ئۈندىدار سۇپىلىرى بەس- بەستە ھەرىكەتكە كەلدى، بىر- بىرىدىن ئېسىل ماقالا، سۈرەتلەر تارقىتىلدى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا سۈرەتكە تارتىش، AR/VR تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇل- چارىلەرنىڭ ھەممىسى ئىشقا سېلىندى، ھەممەيلەن رىقابەتلىشىپ كۈچ چىقاردى، تارقىتىشتا يېڭىلىق يارىتىلىپ، بىرلىشىپ تارقىتىلىپ، كۆپ ۋاسىتىلىك تارقىتىلىپ، مىسلىسىز ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلدى.

  «خەلق گېزىتى»نىڭ كۆپ ۋاسىتىلىك تارقىتىش ئاخبارات زالى بۇ يىل 1- ئايدا رەسمىي ئىشلىتىلدى، ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇلغان مەشغۇلات تۈزۈمىمۇ كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، بۇ باش مۇھەررىر ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى تەسىس قىلىش، مۇخبىرلىق- تەھرىرلىك بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى قۇرۇش، مۇخبىرلىق- تەھرىرلىك تارماقلىرىنى تەسىس قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، نەتىجە- ئۈنۈمنى تەكشۈرۈش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «خەلق گېزىتى»نىڭ 20 مۇخبىرلىق- تەھرىرلىك تارمىقىدىكى 109 مۇھەررىر، مۇخبىر «تارماق ھالقىپ تەشكىللەپ قۇرۇش، قىزىقىشى بويىچە بىرلىشىش، تۈر تۈزۈمى بويىچە ئىشلەش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن 21 بىرلەشمە تاراتقۇ ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ، بايلىقلارنى جىپسىلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇپ، پاسىل ھالقىپ ئىشلەپچىقىرىشنى تەشكىللەپ، 2016- يىلى 11- ئايدىن بۇيان «خەلق گېزىتى»نىڭ گېزىت، تور، ئۈندىدار سۇپىسىنى 300 پارچىدىن كۆپ يۇغۇرما ئاخبارات مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىدى.

  باش تېما تەشۋىقاتىدىن مۇھىم ئۇرۇشلارغىچە، تىپ تەشۋىقاتىدىن تاسادىپىي ھادىسىلەرگىچە تاراتقۇلار ئاخبارات مەيدانىنى يۇغۇرما خەۋەرچىلىكنىڭ ماھارەت سورۇنى قىلدى، «تېلېكامېراغا قاراپلا چۈشەندۈرەلەيدىغان، مىكرافوننى قولىغا ئېلىپلا سۆزلىيەلەيدىغان، يان تېلېفون بىلەنلا سۈرەتكە تارتالايدىغان» كۆپ ۋاسىتىلىك مۇخبىرلار بارغانسېرى كۆپەيدى.

  20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى 2016- يىلى 9- ئايدا خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلدى، باشقۇرغۇچى تاراتقۇ «جېجياڭ گېزىتى» گېزىتچىلىك گۇرۇھى تولۇق ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆپ ۋاسىتىلەرنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، سۈرەت، يېزىق، سىن قاتارلىق تۈرلۈك ماقالىدىن 20 مىڭ پارچىدىن كۆپ تارقاتتى. جېجياڭ ئاخبارات مۇئامىلىدارلار تېرمىنالى تونۇشتۇرغان «G20 تەقەززاسى، گۈزەل جېجياڭ سىز بىلەن بىللە ئاخىرقى ساناقنى سانىماقتا» ناملىق سىننىڭ قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدىكى چېكىلىش قېتىمى 6 مىليوندىن، كۆچۈرۈپ تارقىتىلىش قېتىمى 100 مىڭدىن ئاشتى. «جېجياڭ يان تېلېفون گېزىتى»دە تونۇشتۇرغان «G20نى قىزغىن قارشى ئالىمىز، VRدىن خاڭجۇنىڭ تولۇق يەر بەلگىسىگە نەزەر» ناملىق ئىجادىي مەخسۇس فىلىمى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، كۆرگۈچىلەرگە زور ئېستېتىك زوق ئاتا قىلدى. 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا «جېجياڭ گېزىتى» گېزىتچىلىك گۇرۇھى چەت ئەل ئالاقە ۋاسىتە سۇپىسىدا ئىنگلىز تىلىدىكى «خاڭجۇدا ئىختىيارىي ساياھەت قىلىش كۆرسەتمىسى» ناملىق فىلىمىنى كۆرۈپ ماختىغانلارنىڭ سانى 15 مىڭدىن ئېشىپ، 300دىن كۆپ چەت ئەل تاراتقۇسى كۆچۈرۈپ تارقاتتى.

  يۇغۇرما تەرەققىياتتا خەۋەر ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمىسى، مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، پىلانلاش، مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك، تارقىتىش جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاش مۇھىم ھالقا. «ئازادلىق گېزىتى» 30 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، پارتىيە گېزىتى ئاساسىي كۈچىنىڭ گېزىت بېتىدىن ئالاقە تورى بازىسىغا ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشىنى ئالدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، بارلىق مۇخبىرلىق كۈچىنى يېڭى تاراتقۇ مەھسۇلاتى «شاڭخەي تەكشۈرۈشى»گە يۆتكەپ، «ئازادلىق گېزىتى»نى ماس قەدەمدە ماقالە بىلەن تەمىنلىدى، باھالاش تۈزۈمىدە «ياخشى ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىش»قا يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئىجادىيەت كۈچىنى قوزغىدى.

  قىسمەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىن يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەگىچە، كۆپ نۇقتىلىق بۆسۈشتىن، ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلگىرى سۈرۈشكىچە، خەۋەرلەردە يېڭىلىق يارىتىشتىن، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقىچە ھەرقايسى تاراتقۇلار جاسارەت بىلەن ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، خوت ئالماشتۇرۇپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، ئومۇميۈزلۈك تىپى ئۆزگەرگەن، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ تېز ئىلگىرىلىدى.

  جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئوبرازىنى يېڭىلاش

  جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (جۇڭگو يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى) 2016- يىلىنىڭ ئاخىرى رەسمىي كۆرسىتىشكە باشلىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلەپ، «مول ماتېرىيال ۋە ئۇچۇر، روشەن جۇڭگو كۆرۈش بۇلۇڭى، كەڭ دۇنياۋى نەزەر بىلەن جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، دۇنياغا ئىستېرېئولۇق كۆركەم جۇڭگونى تونۇتۇش»نى تەلەپ قىلدى.

  جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئالتە تېلېۋىزىيە قانىلى، چەت ئەللەردىكى ئۈچ تارماق ئىستانسا، بىر سىنلىق ئاگېنتلىق ۋە يېڭى تاراتقۇلار توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق نەچچە ئون مۇخبىرلار پونكىتى (تارماق ئىستانسا) بولۇپ، خەلقئارا تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ھازىر چەت ئەللەردىكى ئابۇنىچىلىرى 400 مىليونغا يېتىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا تارقىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

  تارقىتىش كۈچى تەسىر قىلىش كۈچىنى، سۆز ھوقۇقى تەشەببۇسكارلىقنى بەلگىلەيدۇ. دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت ئېلىمىزگە ئەزەلدىن ھازىرقىدەك دىققەت قىلىپ باقمىغان، لېكىن خەلقئارا تارقىتىشتا ئۇچۇرلارنىڭ كىرىش، تارقىلىشىدا «پاسسىپ پەرق»، جۇڭگونىڭ ھەقىقىي ئوبرازى ۋە غەربنىڭ سۇبيېكتىپ قارىشىدا «سېلىشتۇرما پەرق»، يۇمشاق كۈچ ۋە قاتتىق كۈچى ئارىسىدا «چۈشۈش پەرقى» مەۋجۇت، شۇڭا جۇڭگو خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە، دۇنيانىڭ جۇڭگو ساداسىنى ئاڭلىشى، ئېنىق ئاڭلىشى، ئاڭلاپ قوبۇل قىلىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى سىرتقا قارىتا ماقالە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، 2016- يىلى سىرتقا تارقاتقان كۈندىلىك ماقالە تەخمىنەن 4500 پارچىگە يەتتى، 100 نەچچە پارچە خەلقئارا ئوبزورىنى غەربتىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ئىشلەتتى. جەنۇبىي دېڭىز توغرىسىدىكى كېسىم قىلىش دېلوسىدا «جەنۇبىي دېڭىز توغرىسىدىكى كېسىم قىلىش دېلوسىغا قارىتا فىلىپپىنغا توققۇز سوئال»، «جەنۇبىي دېڭىز توغرىسىدىكى كېسىم قىلىش نەتىجىسىگە دائىر بەش ئوبزور» قاتارلىق ماقالىلەرنى تەشكىللەپ تارقىتىپ، ئېلىمىزنىڭ مەيدانى، تەشەببۇسىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ دىققەت- ئېتىبارى ۋە ئاكتىپ باھاسىغا ئېرىشتى. كەسپىي ئاپپاراتنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رېيتېر ئاگېنتلىقى، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئاگېنتلىقىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنى تەتقىق قىلىشىغا ئاساسەن، خەلقئارا ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ئىچىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىشلىتىلگەن ماقالىلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، بەش چوڭ ئاگېنتلىقنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى «ئاساسلىق جەڭ مەيدانى چەت ئەلدە» دېگەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇردى، دۇنياغا تارقالغان 100دىن ئارتۇق يەرلىكلەشكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەر كۈنى 47 خىل تىلدا 3000 سائەتكە يېقىن پىروگرامما تارقىتىپ، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ پايتەختى ياكى ئاساسلىق شەھەرلىرىدىكى 500 مىليون كىشىنى قاپلىدى، تەخمىنەن %24 چاستوتا يەرلىكتىكى ئاڭلىتىلىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، بەزى رادىيو ئىستانسىسىلىرى يەرلىكتىكى جۇڭگو ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىشتە ئالدىن تاللىنىدىغان تاراتقۇ بولۇپ قالدى. 2016- يىلىدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، ئۇلار تۇنجى قېتىم ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ سىنلىق ئالاقە تورى پونكىتى بىلەن بىرلىشىپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى تارقىتىپ، كۆرۈش قېتىمىنى 160 مىليوندىن ئاشۇردى.

  ھېكايىنى ياخشى سۆزلەشتە ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ھېكايە سۆزلەش خەلقئارا تارقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، دەپ تەكىتلىدى. «جۇڭگو گېزىتى» باسقان «چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو ھېكايىسىنى سۆزلىشى»گە ئائىت بىر قاتار خەۋەرلەردە، 2016- يىلىدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە «ئامەتلىك جۇڭگو» تېمىسىدىكى بىر قاتار ئەسەرلىرىنىڭ 1- قىسمى − «ئەنگلىيەلىك يىگىت سۈرەتكە ئالغان <ئىككى يىغىن> ھەققىدە يەشمە»دە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئەڭ يېڭى سۈرەتكە ئېلىش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، تورداشلار ياقتۇرىدىغان ئالاقە تورى تىلى ئارقىلىق، «ئىككى يىغىن» ئۇچۇرلىرىنى تارقاتتى، ئالاقە تورىدا قويۇلۇشى 3 مىليون 200 مىڭ(قېتىم)دىن ئاشتى.

  كاناينى ئارىيەت ئېلىپ سادا ياڭرىتىش، سەھنىنى ئارىيەت ئېلىپ ئويۇن قويۇش، ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار چەت ئەللەردىكى ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى، شۇنداقلا ھەر خىل خەلقئارا ئالاقە سورۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو ساداسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئوبرازىنى يېڭىلاپ، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىنى زورايتتى.

  «خەلق گېزىتى»نىڭ خەلقئارا ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى ھېسابات نومۇرى مەستانىلىرى ھازىرغىچە 35 مىليوندىن ئېشىپ، مەستانىلىرى دۇنيادىكى گېزىت تاراتقۇلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا، ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش نىسبىتى دۇنيا تاراتقۇلىرى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى؛ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدىكى ئالاقە تاراتقۇ ھېسابات نومۇرى مەستانىلىرى 23 مىليوندىن ئېشىپ، كۈندىلىك كۆرۈلۈشى 20 مىليون (قېتىم)دىن ئاشتى؛ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۇنيادىكى 12 چوڭ خەلقئارا ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى ئىشلىتىۋاتقان 23 ھۆكۈمەت ھېسابات نومۇرىنىڭ مەستانىلىرى 50 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي ئوقۇلۇش قېتىمى 19 مىليارد 200 مىليوندىن ئاشتى، مۇستەقىل ئابۇنىچىلارنىڭ زىيارەت قىلىش قېتىمى 12 مىليارد 900 مىليونغا، سىننىڭ كۆرۈلۈش قېتىمى 1 مىليارد 30 مىليونغا يەتتى.

  «خەلق گېزىتى» 2016- يىلى 7- ئايدا «بىر بەلباغ، بىر يول» تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، 101 دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتقا قاراشلىق چەت ئەلنىڭ 212 ئاساسلىق تاراتقۇسىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق تاراتقۇسى ئۇيۇشتۇرغان كۆلىمى ئەڭ زور، قاتناشقان دۆلەتلەر ۋە تاراتقۇلار ئەڭ كۆپ، ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە تەسىر كۈچىگە ئىگە دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنىغا ئايلاندى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى 2016- يىلى 4- ئايدا تۇنجى قېتىم ئېلىمىزدە 2016- يىللىق ئاسىيا رادىيو يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى، ياۋروپا رادىيو ئىتتىپاقى قاتارلىقلار بىلەن ئەمەلىي ئالاقە، ھەمكارلىقنى باشلىدى.

  بۈگۈنكى جۇڭگو تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش نىشانىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى، تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلدىكىگە قارىغاندا بۇ نىشانغا يېتىشتە تېخىمۇ ئىشەنچ، ئىقتىدارغا ئىگە بولدى. مۇشۇنداق بولغانسېرى بىر نىيەتتە بولۇپ، «ئىتتىپاقلىق كۈچ» دەيدىغان ئىرادىنى تۇرغۇزۇشقا؛ مۇشۇنداق بولغانسېرى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان جەڭگىۋار روھنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ؛ مۇشۇنداق بولغانسېرى پارتىيەنىڭ ئاخبارات، جامائەت پىكرى خىزمەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى زورىيىپ، ۋەزىپىسى ئېغىرلىشىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمەتچىلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىسىلا، تارىخنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى چوقۇم يەردە قويماي، جاسارەت بىلەن دەۋر ئېقىمى ئالدىدا تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تارقىتىپ، خەلقنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاساسىي قوشۇن، توغرا كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، جەمئىيەتتىكى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان ئاساسىي قوشۇن، جامائەت پىكرىنى ئۈنۈملۈك يېتەكلەپ، جۇڭگو ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئاساسىي قوشۇن بولالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر