- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇچىلىق ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىلدى
2017.02.17 17:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى) يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسى ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، زىرائەتلەرنى ۋاقتىدا سۇغىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر قايسى يېزا-بازارلاردا سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى. ھازىرغا قەدەر ناھىيە تەۋەسىدىكى 3626 كىلومېتىر سۇغىرىش ئۆستىڭىنىڭ 1921 كېلومېتىرىنى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ قىلىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، سۇ سىڭمەس ئۆستەڭنىڭ ئومۇمىي سۇغىرىش ئۆستىڭىدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %53 كە يەتكۈزۈلۈپ، ناھىيەنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەش سەۋىيەسى تىرىشىپ ئۆستۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناھىيەنىڭ دېھقانچىلىققا سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىسىدىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش جىددىيچىلىكىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 2000 دىن ئارتۇق ماشىنىلاشقان قۇدۇق قېزىلىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلدى؛ سۇ تەڭشەش، سۇ ساقلاش ئامبىرىدىن بەشى ياسىلىپ، ئامبارنىڭ ئومۇمىي سۇ ساقلاش سىغىمچانلىقى 10 مىليون 360 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى. بەش تاناب مەڭگۈلۈك سۇ باشلاش ئۆستىڭى ياسىلىپ ۋە بۇ ئۆستەڭلەرگە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن 10ى قۇرۇلۇپ، گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 354 مىڭ 500 كىلوۋاتقا يەتتى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر