باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە يەرنى تەرتىپكە سېلىشقا 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ

2017.02.17 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «مەملىكەت بويىچە يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش پىلانى(2016-يىلدىن 2020-يىلغىچە)»نى تەستىقلىدى، بۇنى دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ. مۇخبىر بۇ توغرىسىدا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى زىيارەت قىلدى.

  دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى پىلان مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇاڭ شاۋچىن مۇنداق دېدى: 2020-يىلىغا بارغاندا ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ شەھەر-بازارلىشىش نىسبىتى %45 ئەتراپىدا بولۇپ، يىلدا 16 مىليوندىن ئارتۇق كىشى شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ، قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەر كۆلىمىنىڭ 32 مىليون مودىن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. بۇ بىزدىن قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان زاپاس يەرنى جانلاندۇرۇپ، يەرنى تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك ئىشلىتىپ، ئازراق يەر بايلىقى بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  يىرىك پىلاندا شەھەر-يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يېرىنى تەرتىپكە سېلىشتا پائال ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، يېزىلارنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان 6 مىليون مو يېرىنى تەرتىپكە سېلىپ، شەھەر-بازارلاردىكى تۆۋەن ئۈنۈملۈك 6 مىليون مو يەرنى ئۆزگەرتىپ ئېچىپ، بىرلىك ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان كۆلىمىنى %20 ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايون مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ دۇڭچياڭ مۇنداق دېدى: يەرنى تەرتىپكە سېلىش بولۇپمۇ قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى تەرتىپكە سېلىش، يەرنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يەر بىلەن تەمىنلەشنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، شەھەر-بازارلارنىڭ تەرتىپلىك يېڭىلىنىشى ۋە يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جۇاڭ شاۋچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى زورايتىشتا، «كونا ھېسابنى تېزراق قايتۇرۇپ، يېڭىدىن قەرز بولماسلىق» ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش پائالىيىتىدە يېڭىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تەبىئىي ئاپەتتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان يەرلەرنى ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تارىختىن قېپقالغان بۇزۇلغان يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىسبىتىنى %45تىن ئاشۇرۇش كېرەك.دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ جيەن مۇنداق دېدى: يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاش ئۈچۈن مەبلەغ كاپالىتى بولۇشى كېرەك. پىلان بويىچە، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە ئېلىمىزنىڭ مەركەز ۋە يەرلىكتىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەسى شۇنداقلا ئىجتىمائىي كاپىتال قاتارلىقلارنىڭ يەرنى تەرتىپكە سېلىشقا 1 تىرىليون 700 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىشى پىلانلاندى.

  ھازىر بار بولغان ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يەرنى تەرتىپكە سېلىش مەبلىغىنىڭ تۆت خىل يولى بار: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى مەبلىغى، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش مەبلىغى، يېزىلاردىكى قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىدىغان يەرنى تەرتىپكە سېلىش مەبلىغى، يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەبلىغى. تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش مەبلىغىنى مىسالغا ئالساق، يىرىك پىلان مەزگىلىدە 20 مىليون مو تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاشقا، 160 مىليارد يۈەن مەبلەغ كېتىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ ئىشلىتىش بىلەن تۆلەم بېرىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەت، تېرىلغۇ يەرنى تولۇقلاش مەبلىغىنى قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن تاپشۇرىدۇ، شۇڭا مەبلەغ كاپالەتكە ئىگە.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى يەرنى تەرتىپكە سېلىشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى بەرپا قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ياكى دېھقانلارنىڭ يەرنى ئۆزلۈكىدىن تەرتىپكە سېلىشىنى قوللاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر