باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى ئاياغلاشتى

ليۇ يۈنشەن ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە خۇلاسە سۆزى قىلدى

2017.02.17 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى 16-فېۋرال چۈشتىن كېيىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئاياغلاشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۇرس ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسى مەزگىلىدە، كۇرسانتلار ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ۋە تەتقىق قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا بولغان تونۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بولغان تونۇشى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، ئۆزىنى ئۆزى ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، رەھبىرىي كادىرلار ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇشقا بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتتى. ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمىدا، تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدىكى 10 گۇرۇپپىنىڭ ۋەكىللىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر