خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام ئۇلۇغ خەۋىرى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چاغراق يېزىسىدىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، كەڭ دېھقان-چارۋىچىلار ئارىسىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بۇلۇش» پائالىيىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ «قۇربان تۇلۇم روھى» مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، دېگەن تېمىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېزىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان نەمۇنىچىلاردىن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
چاغراق يېزىسى چاغراق كەنت 1-مەھەللىسىدىكى 70 ياشلىق پېشقەدەم كومپارتىيە ئەزاسى تۇرسۇن مەتنىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قۇربان تۇلۇم روھى» مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، بىز ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەپ، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىمىز.
سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ 3-تۈركۈمدە «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بۇيىچە چاغراق يېزىسى چاغراق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى قۇربانجان ھەسەن (ئوڭدىن 3-كىشى) خالىس تەشۋىقاتچى بولۇپ، ئاممىغا «قۇربان تۇلۇم روھى» مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ تېمىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ بارماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى