باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«بىزنىڭ لاۋ فەن»

2017.02.17 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئوسمان ئوبۇل خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسى تۆۋەنكى قۇرباغ كەنتىدىكى ئامما بىلەن پاراڭلاشقىنىمدا، ئۇلاردىن دائىم: «بىزنىڭ لاۋ فەن ياخشى ئادەم» دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. «لاۋ فەن» بولسا بۇ ھېكايىدىكى باش قەھرىمان، يېقىندا ئۇ مۇشۇ كەنتنىڭ كەنت «ئىككى كومىتېتى» ۋە گېئولوگىيە-كان مەھسۇلاتلىرى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن كەنت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالاندى. كۆپ تەرەپتىن ئەھۋال ئىگىلەش ھەمدە لاۋ فەن بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، نېمە ئۈچۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن «بىزنىڭ لاۋ فەن» دەپ چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدىم.

   ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى فەن داسەي، ئەسلىي يۇرتى سىچۈەندىن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يېشى ئۇنچە چوڭمۇ ئەمەس. ئۇ 1970-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئەمدىلا 47 ياشقا كىرگەن، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىشقا ھېرىسمەن، گەپ-سۆزلىرىدىن قويۇق سىچۈەن تەلەپپۇزى چىقىپ تۇرىدىغان بىر ئاددى دېھقان. لاۋ فەن 1990-يىلى شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرىنى پاناھ تارتىپ ئونسۇ ناھىيەسىگە كەلگەن. ھازىر ئۇنىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بار بولۇپ، ئوغلى ۋە قىزى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، لاۋ فەن ۋە ئۇنىڭ ئايالى كەنتتە يەر ھۆددە ئېلىپ ياڭاق ئۆستۈرۈپ، شال تېرىپ كېلىۋاتىدۇ. لاۋ فەننىڭ بەخت كۈلكىسى ئەكس ئەتكەن چىرايىدىن شىنجاڭدىكى تۇرمۇشىغا بولغان خۇشاللىقى ۋە مىننەتدارلىقى چىقىپ تۇرىدۇ.

  شىنجاڭغا كەلگەن دەسلەپكى چاغلاردا لاۋ فەن ناھايىتى نامرات بولۇپ، ھۆددە ئالغان يېرىنىڭ باش تەرىپىدىكى ئىككى ئېغىزلىق پاكار توپا تاملىق ئۆيدە ئولتۇراتتى، ئۇ بۇ ئۆيدە توپتوغرا 20 يىل ئولتۇردى. توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى قۇرباغ كەنتىدە ئۇلار ئەڭ بالدۇر ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەنلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لاۋ فەن دائىم كەنتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئۇ كەنتكە يېڭى كەلگەن چاغلىرىدا تىل ئالاقىسى راۋان بولماسلىقتەك توسقۇنلۇققا دۇچ كەلگەندە، كەنتتىكىلەر «بۇ ياقا يۇرتلۇق»نى كەمسىتمەيدۇ، بوزەك قىلمايدۇ، بەلكى قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ، يەرلىرىنى ئۇنىڭ ھۆددە ئېلىپ تېرىشىغا بېرىدۇ. 2009-يىلى لاۋ فەن تۇرۇۋاتقان ئۆي خەتەرلىك بولۇپ قالغاندا، ئۇيغۇر يۇرتداشلار ئۇنىڭ ئولتۇرۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىنى بىكارلاپ، ئىككى يىل ھەقسىز بېرىپ تۇرىدۇ. 2011-يىلىغا كەلگەندە يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلىنىڭ ۋە كەنتتىكى قوشنىلىرىنىڭ ياردىمىدە يېڭى ئۆي سېلىنىپ، لاۋ فەننىڭ ئۆز تۇرالغۇسى بار بولدى. لاۋ فەن مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر شىنجاڭدىمۇ ئۆز ئۆيۈم بار بولدى، مەن شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر يۇرتداشلار ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلدى، ئۇلارغا راستتىنلا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. كەنتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسى بىلەن 20 يىلدىن بېرى ئۇرۇشۇپمۇ قالماي، يا قىزىرىشىپمۇ قالماي، ھېيت-بايرام، توي-تۆكۈنلەردە ئۆز ئارا كىرىش-چىقىش قىلىپ، 20 يىلنى ئۆز ئارا ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئۆتكۈزدۈم. قوشنىلىرىم ۋە كەنتتىكىلەر مېنى ئۆز كۆرۈپ ‹لاۋ فەن› دەپ چاقىرىشىدۇ».

  لاۋ فەن 80 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ ياڭاق كۆچىتى تىكىدۇ. بىراق يەرلىرىدە ياۋا ئۆت-چۆپلەر بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەنلىكتىن، ياڭاقلىق بېغىنى يېزا بىر تۇتاش تەلەپ قىلغان ياڭاقلىق باغلارنى باشقۇرۇش ئۆلچىمىگە يەتكۈزەلمەيدۇ. لاۋ فەننىڭ تىتىلداپ ئاچچىقتىن تىترەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەھەللە مۇدىرى ئەھۋالنى كەنت كومىتېتىغا ئىنكاس قىلىدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختى مەرۇپ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن كەنتتىكى دېھقانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، لاۋ فەننىڭ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىدۇ...

  ھازىر لاۋ فەننىڭ ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى، ياڭاقلىق كۆچەتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بوش يەرلىرىنى ھەر يىلى ئۇيغۇر قوشنىلىرىغا بۇغداي ياكى باشقا زىرائەتلەرنى كىرىشتۈرۈپ تېرىۋېلىشى ئۈچۈن ھەقسىز بېرىدۇ. لاۋ فەننىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۇ ئۆز يانچۇقىدىن پۇل چىقىرىپ، ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكىنى تەكلىپ قىلىپ كەنتتىكىلەرگە بىر قېتىم ئويۇن قويدۇرۇپ بەردى. بۇ بىر قانچە يىللاردا، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئىشچانلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايانغان لاۋ فەننىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشى بولۇپ كەتتى. لاۋ فەن بېيىغاندا ئۆزىگە ئىزچىل ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. كىمنىڭ ئۆيىدە توي-تۆكۈن ۋە ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرى بولۇپ قالسا، ئۇ چوقۇم بارىدۇ. ھەر قېتىم خەنزۇ ئاممىسىنىڭ تاۋۇز چاغىنى، تاڭزۇڭزا چاغىنى، باھار بايرىمى قاتارلىق چوڭ بايرام كۈنلىرىدە ئۇ قوشنىلىرىنى ئۆيىگە كېلىپ ئاي توقاچ، زۇڭزا يەپ كېتىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. قوشنىلىرى جىددىي پۇلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغىنىدا، ئۇ باھانە-سەۋەب كۆرسەتمەستىن شۇ زامان بېرىپ تۇرىدۇ. بەزى ئائىلىلەر مىڭلاپ، ئون مىڭلاپ پۇل قەرز سورىغاندىمۇ، ئۇ ئەزەلدىن رەت قىلىپ باقمايدۇ. ئۇ پۈتكۈل كەنتتىكى ئۇيغۇر ئاممىسى بىلەن ئۆز ئارا مانا مۇشۇنداق ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئېجىل-ئىناق ئۆتىدۇ.

   لاۋ فەن دائىم: «كىشىلەرگە ھەقىقىي مېھىر-مۇھەببىتىڭنى بەرسەڭ، كىشىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولىدۇ» دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەگەر ھەر قايسى مىللەتلەر مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا ياردەمدە بولۇپ، بىر-بىرىگە بولغان مىننەتدارلىقىنى كۆڭلىدە مەھكەم ساقلىسىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  قەلەم تەۋرىتىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئاندىن يۇرتداشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن فەن داسەينى «لاۋ فەن» دەپ چاقىرىشقا ئامراقلىقىنى بىلدىم. ئەسلىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى سەمىمىيلىك ۋە دوستانىلىق بىلەن چاقىرغىنى ئىكەن، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى سىمۋوللۇق چاقىرغىنى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر