باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىۋېتسىيە تەتقىقات ئورنى: پۈتۈن دۇنيادىكى قورال-ياراغ سودىسى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتتى، دېدى

2017.02.21 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى 20- فېۋرال ئېلان قىلغان دوكلاتتا، پۈتۈن دۇنيادىكى قورال-ياراغ سودىسى يېقىنقى بەش يىلدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئېكسپورت سوممىسى ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى، ئاسىيادا ھىندىستان ئەڭ چوڭ قورال-ياراغ خېرىدارى بولۇپ قالدى، دېيىلدى.

  سىتوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنى ئاشكارىلانغان سانلىق مەلۇماتلارنى مەنبە قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى قورال-ياراغ سودىسى ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ، ئوتتۇراھال ۋە ئالاھىدە يىللاردىكى «چوڭ زاكاز»لارنىڭ تەسىرىنى نېيتراللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆلچەم مۇددىتىنى بەش يىل قىلىپ بېكىتتى. تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا، 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان بەش يىل 1990-يىلىدىن بۇيانقى پۈتۈن دۇنيا قورال-ياراغ سودا سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغان بەش يىل بولۇپ، 2007-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان بەش يىلدىكىدىن تەخمىنەن %8 ئاشقان.

  خېرىدار تەرەپتىن قارىغاندا، ھىندىستان ئەڭ چوڭ خېرىدار دۆلىتى بولۇپ، ئىمپورت سوممىسى دۇنيا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %13نى ئىگىلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە %68تىنى رۇسىيەدىن سېتىۋالغان. ستوكھولىم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدىن قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ يەرلىك ھەربىي سانائەت تەرەققىيات سەۋىيەسى چەكلىك بولغانلىقتىن، ھىندىستاننىڭ قورال ئىمپورتى خېلى ۋاقىت ئىچىدە داۋاملىق ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر