باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ئېچىشىدا پۈتۈن جەريانلىق ئۈن-سىنغا ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.02.23 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوت ئېچىشتا ئۈن-سىنغا ئېلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمە» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بەلگىلىمە») نى بېسىپ تارقاتتى، «بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق سوت مەھكىمىسى سوت ئېچىپ ھۆكۈم ئېلان قىلىشتا، سوت ئېچىش پائالىيىتىنى پۈتۈن جەريانلىق ئۈن-سىنغا ئېلىشى كېرەك.

  «بەلگىلىمە» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: سوت ئېچىش جەريانىنى ئۈن-سىنغا ئېلىشنى سوت باشلاش جاكارلانغاندا باشلاپ، سوت يېپىلغاندا ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك. سوت توختىتىپ تۇرۇلغان، ئوچۇق سوت ئېچىشتىكى يوشۇرۇن دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش، دەلىل-ئىسپاتنى يۈزلەشتۈرۈش، ئۈن-سىنغا ئېلىشقا بولمايدىغان مۇرەسسەدىن باشقا پائالىيەتتە، سوت ئېچىش جەريانىنى ئۈن-سىنغا ئېلىشنى توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۈن-سىنغا ئېلىشقا مەسئۇل خادىملار ئۈن-سىنغا ئېلىشنى باشلاش-ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتى، ئۈزۈلۈپ قالغان-قالمىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى خاتىرىلىشى ھەم دېلوغا سېلىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى ماس قەدەمدە لېنتىغا ئېلىش ۋاقتىنى گىرەلەشتۈرۈپ ياكى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سوت ئېچىش جەريانىنى ئۈن-سىنغا ئېلىشنىڭ ھەقىقىيلىقى ۋە مۇكەممەللىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  «بەلگىلىمە» دە مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈسكۈنىلەر كاشىلىسى ياكى تېخنىكا سەۋەبىدىن ئۈن-سىنغا ئېلىش ھەقىقىي، مۇكەممەل بولماسلىق ئەھۋالى كېلىپ چىقسا، ئۈن-سىنغا ئېلىشقا مەسئۇل كىشىلەر يازما چۈشەندۈرۈش يېزىپ، باش سوتچى ياكى تەنھا سوتچى تەكشۈرۈپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن دېلوغا سېلىشى كېرەك. خەلق سوت مەھكىمىسى مەخسۇس ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق سوت ئېچىش جەريانىنى ئالغان ئۈن-سىننى توردا ياكى توردىن ئايرىلىپ ساقلىشى كېرەك. ئۈسكۈنىلەر كاشىلىسى قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئۈن-سىن تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، قوشۇپ ساقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر