باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

يېڭى قاتتىق بەلگىلىمە!
ئامېرىكىدا بالىلاردىن باشقا قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە «قاتتىق زەربە» بېرىلىدۇ

2017.02.23 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 21-فېۋرال، قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان يېڭى كۆرسەتمە پىكرىنى ئېلان قىلىپ، چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، يەنە كۆچمەنلەرنى قوغلاپ چىقىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشنى پىلانلىدى.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ سۆزى بويىچە، پەقەت ئاشۇ «غايەپەرەسلەر» دەپ ئاتالغان چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن بالىلاردىن باشقا، ھازىر ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوغلاپ چىقىرىلىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنىڭ 1-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىمزا قويغان چېگرا باشقۇرۇش- كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چەكلەش مەمۇرىي بۇيرۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، «زۇڭتۇڭنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى ۋە كۆچمەنلەر قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» ۋە «دۆلەت مەنپەئەتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئىجرا قىلىش» ناملىق ئىككى ئەسلەتمىنى ئېلان قىلدى.

  ئەنگلىيە رادىيو شېركىتى (BBC)نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئىككى ئەسلەتمە ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئۆزگەرتمىگەن، لېكىن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان.

  دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى يېڭى پىلاننى تەسۋىرلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاتناش قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ياكى ئوغرىلىق قاتارلىق يېنىك جىنايەت سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا باشقا تېخىمۇ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەر بىلەن ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىكەن، ماھىيەتتە ئاساسەن ھەممە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى، ئۇلارنىڭ نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «ئالدى بىلەن» قوغلاپ چىقىرىدىكەن.

  نۆۋەتتە، ئامېرىكا چېگراسى ئىچىدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 11 مىليون بولۇپ، ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز كىرگەن تەخمىنەن 750 مىڭ «غايەپەرەس» دەپ ئاتالغان بالىلار ھېلىھەم ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى باراك ئوباما مەزگىلىدە يولغا قويۇلغان سىياسەتنىڭ قوغداش تەدبىرلىرىدىن بەھرىمەن بولماقتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر