- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج خ مىنىستىرلىقى جۇڭگو-فىرانسىيەنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ
2017.02.22 15:21 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21-فېۋرال بېيجىڭدا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتى قارشى تەرەپ تارقاتقان تارقاتقان ئۈنۈملۈك شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىر تەرەپ قارشى تەرەپ دۆلىتى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى بارلارنى ئۆز چېگراسى ئىچىدە بىۋاسىتە ماشىنا ھەيدىشى ياكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىدىكەن.
قارشى تەرەپ چېگراسىغا كىرگىنىگە بىر يىل بولمىغانلارنىڭ شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدۇ. فىرانسىيەگە ۋاقىتلىق كىرگەنلەر جۇڭگو شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تەرجىمىسى ئارقىلىق بىۋاسىتە ماشىنا ھەيدىيەلەيدۇ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ؛ جۇڭگوغا ۋاقىتلىق كىرگەنلەر فىرانسىيە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ياكى شوپۇرلۇق كىنىشكىسى تەرجىمىسى ئارقىلىق ۋاقىتلىق شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرسا بولىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈلۈپ، ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ. شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىپ ھەيدەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل تىپى ئاپتوبۇس، چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇس، كىچىك ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر