باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى «كەنت تامغىسىنى يېزا باشقۇرۇش» ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، بۇنى چوقۇم قەتئىي تۈزىتىش لازىم، دېدى

2017.02.22 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى ۋە مەھەللە قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چېن يۆلياڭ 21-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 1-پەسىللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كەنت تامغىسىنى يېزا باشقۇرۇش»، «ئاساسىي قانۇن» ۋە «كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»نىڭ روھىغا خىلاپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆپ قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى، بۇنى چوقۇم قەتئىي تۈزىتىش، «كادىرلارغا ئىشىنىش، يەنە پۇقرالارغا قولايلىق يارىتىش كېرەك.

  «كەنت تامغىسىنى يېزا باشقۇرۇش» يېقىنقى يىللاردىلا پەيدا بولغان ھادىسە ئەمەس، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى كۆپ قېتىم تەنقىدىي خەۋەر قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى، بۇ شۇنداقلا يېزىلاردىكى كەڭ ئامما نارازى بولۇۋاتقان مەسىلە. چېن يۆلياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ تامغىسى كەنت دەرىجىلىك جامائەت ھوقۇقىنىڭ سىمۋولى، كەنت جامائەت ئىشلىرى ۋە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بېجىرىش جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، كەنت ئاھالىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەريانىدا، ھەربىي سەپكە قاتنىشىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش ئىسپاتى قاتارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرگەندە چوقۇم ئىشلىتىشى كېرەك. كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى تامغىسىنى بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەنت ئاھالىسى ساقلايدۇ، بۇ ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشىدىكى كونكرېت ئىشلار، ھەم دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشىنىڭ بىۋاسىتە نامايەندىسى. مەيلى قانداق مەقسەت ياكى نىشان بىلەن بولسۇن، كەنت تامغىسىنى يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت ئىختىيارىغا ئېلىۋېلىپ، «كەنت تامغىسىنى يېزا باشقۇرۇش»نى يولغا قويۇش «ئاساسىي قانۇن» ۋە «كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى»نىڭ روھىغا خىلاپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تېخىمۇ بىئەپ بولۇپ، بۇنى چوقۇم قەتئىي تۈزىتىش، «كادىرلارغا ئىشىنىش، يەنە پۇقرالارغا قولايلىق يارىتىش لازىم».

  چېن يۆلياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر قىسىم كەنت ئەھۋالى مۇرەككەپ، زىددىيەت كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلە بار كەنتلەرگە قارىتا، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ياكى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنى تۈزەش مەزگىلىدە، يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەت كەنت تامغىسىنى ۋاكالىتەن ۋاقىتلىق يىغىۋالسا بولىدۇ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش سايلىمى ياكى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىشى، ئاممىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق- مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغدىشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر