باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش تۇنجى كۈرىشىنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتۇردى

2017.02.21 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تۇنجى يىلى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات رايون يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ئاۋۋالقى يىلدىكىدىن %9.7 ئاشتى؛ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن 1.7 پويىنت يۇقىرىلاپ، ئىككىدىن غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش قەدىمى تىز بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق دائىرىسى ئۈنۈملۈك تارايتىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش تۇنجى جېڭى غەلىبىلىك بولدى.

  ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى يېتەكچى قىلىپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قىلچە ئېغىشماستىن ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ؛ نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتقۇزۇش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويدى. پۈتۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات نوپۇس، 810 نامرات كەنت، بەش نامرات ناھىيە نامراتلىق تىزىملىكىدىن چىقىپ كېتىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتتى.

  نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئۆتكۈزۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى چىڭ تۇتۇپ،سىياسەت تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، دەل يۆلەش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلەرگە بۆلۈپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش يولىغا ئەمەل قىلىپ، بايلىقنى جۇغلاپ ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، سىناش ۋە باھالاشنى چىڭىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئەمەلىي نەتىجىسى ۋە ئۈنۈمىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

  بەلگىلەنگەن ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇھىم نۇقتىنى يىللىق نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىغا قارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ۋە چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىق سىزىقىدىن چىقىپ كېتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، يىل ئىچىدە 590 مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ ئىككىدە غەم قىلماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. 800 نامرات كەنتتە نامراتلىق يۈز بېرىش نىسبىتىنى %3 تۆۋەنلىتىپ، نامراتلىق سىزىقىدىن چىقىرىدۇ؛ ئون نامرات ناھىيەدىكى دېھقانلارنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرىتىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسلىق ساھەلەر كۆرسەتكۈچىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ 13- بەش يىللىق پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون خاراكتېرلىك نامراتلىق مەسىلىسىنى يەنىمۇ ھەل قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر