باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئاشتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى

2017.02.21 16:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى 13-بەش يىللىق پىلان باشلانغان يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا ئىگىلىكىدە كىرىمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى تىزدىن ئىلگىرى سۈردى؛ بىرىنچى كەسىپ ئىنتايىن ياخشى يېتەكچىلىك رول ئويناپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  15-فېۋرال ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا بازىرىدىكى 128 نامرات دېھقان يۇرتى بىلەن خوشلىشىپ، ئاقسۇدا ئىشلەمچىلىك قىلىش سەپىرىگە ئاتلاندى، بۇ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان تەشكىللىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلەيدىغان ئەمگەكچىلەر. ئۇچتۇرپان بازىرى نەنگۈەن كەنتىدىكى دېھقان ئىلى ئوسمان ھاياجانلانغان ھالدا شىركەتكە بارغاندىن كېيىن، بىر ئايدا 3000 يۈەن ئالالايدىكەنمەن، بىر يىللىق كىرىمىم 30 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىدىكەن دېدى.

  ئىگىلىنىشىچە: ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى10 مىڭ 180 يۈەنگە يېتىپ، %8 ئېشىپ، ئون مىڭ يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە مائاش، يۆتكىلىش خاراكتېرلىك كىرىمى دېھقانلار كىرىمىدىكى ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.

  ھەر يىلى تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئىسىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ تەدرىجىي ئىلگىرىلەيدۇ. ئىگىلىنىشىچە ، 2016-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئاپتونوم رايون ئوتتۇرىغا قويغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇش،پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى تەڭشەش، مېۋە چىۋە سۈپىتىنى سەرخىللاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش،ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت تەڭشەش يولىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى،كەسىپ قۇرۇلمىسى ،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى پائال تەڭشىگەن؛ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە تەننەرخنى تېجەش بىلەن ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەش كاپالەت ئىقتىدارى بىلەن سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەڭشەش، سۈپىتىنى ياخشىلاش بىلەن كەسىپ رىقابەت كۈچىنى تەدرىجىي ئۆستۈرگەن.

  ئۆتكەن يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتىنى 15 مىليون 350 مىڭ توننىغا يەتكۈزۈپ،ئۇدا توققۇز يىل كىرىمنى ئاشۇردى؛ پاختىنىڭ نىشان باھا ئىسلاھات سىنىقىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈردى. چارۋىچىلىقنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، گۆش، ئۆي قۇشلىرى تۇخۇمىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارىنى ئايرىم ئايرىم ئاشۇردى؛ باغ ئورمان سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى مۇقىم قەدەمدە ئىلگىرى سۈردى؛ ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىجارەت كىرىمىنى 3 مىليارد 400 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈپ، %17 ئاشۇردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزائىگىلىك خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ پىڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل ئىقتىدارىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يەرلىك ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىستىراھەت كەسپى، كۆرۈپ بېقىش يېزا ئىگىلىكى، ئىجادىي يېزا ئىگىلىكى، كۈتۈنۈش يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنى پائال ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ بىلەن يېزا ئىگىلىكىدە يېزا تەرەققىياتىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى يوشۇرۇن كۈچ قېزىلىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى ھالەت، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، يېڭى يارقىن نۇقتا ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر