باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالاتاۋ شەھىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك رولىغا ئىگە شەھەرگە ئايلاندى

2017.02.21 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەننىڭ 3-قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بايقىشىچە: جۇڭگو قازاقىستان چېگراسىدىكى شىنجاڭ ئالاتاۋ شەھىرى مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكىگە قارىتىپ، بىر بەلباغ بىر يول ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، چېگرا ئېغىزىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشىپ، يەرلىك ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلىك راۋاجلاندۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش، سودا، باجدىن خالىي ئەشيا ئوبوروتى، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئامباردا ساقلاش، پۇل مۇئامىلە، ساياھەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم تۈگۈنلۈك رولىغا ئىگە شەھەرگە ئايلانغان.

  ئالاتاۋ شەھىرى قازاقىستاننىڭ دوستىك چېگرا ئېغىزىغا 12 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 2-ئاسىيا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى كۆۋرۈكى بۇ يەردىن ئۆتىدۇ. 1990-يىلى گوۋۇيۈەن ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزىنى تەسىس قىلىشى بىلەن بۇ يەر جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىدىكى ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

  2011-يىلى تۇنجى جۇڭگو ياۋروپا مەخسۇس پويىزى بولغان چۇڭچىڭ شىنجاڭ ياۋروپا مەخسۇس پويىزى ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى تاموژنىسىدىن ئۆتكەندىن بۇيان، جېڭجۇ- -شىنجاڭ -ياۋروپا، خەنكو- شىنجاڭ- ياۋروپا قاتارلىق جۇڭگو ياۋروپا مەخسۇس پويىزلىرى ئۈزەلمەي ئۆتۈپ تۇردى. ھازىرغىچە، بۇ ئېغىزدىن ئۆتكەن جۇڭگو- ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا يۈك تىرانسپورت مەخسۇس پويىزى 35 كە يەتتى؛ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، پۈتۈن بىر يىلدا 1200 دىن ئارتۇق پويىز قاتناپ، ئاۋۋالقى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى.

  جۇڭگو ياۋروپا مەخسۇس پويىزىنىڭ غەربىي رايوندىكى چېگرادىن ئۆتۈشتىن ئاۋۋالقى ئاخىرقى بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئالاتاۋ ئېغىزىدىكى ھەر قايسى تارماقلار ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن ئۆتۈش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئۆستۈردى.ئالاتاۋ ئېغىزى پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈ ۋېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ياۋروپا مەخسۇس پويىزىنىڭ رەسمىيەتلىرى ئالدى بىلەن بېجىرىلىدۇ، ئىلگىرى بۇ رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە 12 سائەت كېتەتتى، ھازىر ئالتە سائەتتىلا تاماملىنىدۇ. جۇڭگو ياۋروپا مەخسۇس پويىزىنىڭ تىز سۈرەتتە راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ،ئالاتاۋ ئېغىزىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى بىلەن سودا سوممىسى مۇقىم ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت سودىسىدىكى ئەڭ چوڭ، تەرەققىياتى ئەڭ تىز بولغان ئالتۇن قۇرۇقلۇق يولى چېگرا ئېغىزىغا ئايلاندى. ئۆتكەن يىلىغىچە ئالاتاۋ ئېغىزى 300 مىليون توننا مال ئۆتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمپورت قىلىنغان نېفىت، رەڭلىك مېتال، رۇدا، پولات ماتېرىياللىرى ئومۇمىي مىقدارنىڭ %70نى ئىگىلەيدۇ. ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 142 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ، تاموژنا باج كىرىمى 109 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  تۇنجى جۇڭگو ياۋروپا مەخسۇس پويىزى چۇڭچىڭدىن قاتناپ 71 كۈندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، ئالاتاۋ ئېغىزى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 16-، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا ئايلاندى. 2016-يىلىغىچە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا ماكانلاشقان كارخانىلار 150 دىن ئېشىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن بىر ھەسسە كۆپەيدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر