- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2017-يىلى يەر بازىرىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى 2-،3-سەپتىكى شەھەرلەردە بولىدۇ
2017.02.21 16:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 16-فېۋرالغىچە 25 ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى 200مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ چىقىرىپ يەر سېتىۋالغان. تەھلىلچىلەر: 2017-يىلى يەر بازىرىدىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى قىزىق نۇقتىلىق 2-،3-سەپتىكى شەھەرلەردە بولىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
جۇڭيوەن ئۆي-مۈلۈك تەھلىلچىسى جاڭ داۋىي مۇنداق دېدى: 1-دىن، بۇ 2016-يىلدىكى مۇشۇ كارخانىلارنىڭ سېتىش قىزغىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆپ ساندىكى قىسمەن ئۆي-مۈلۈك كارخانىسىنىڭ سېتىش نەتىجىسى %50تىن كۆپرەك بولدى، كۆپ ساندىكى قىسمەن كارخانىلارنىڭ ئىسكىلات قالدۇقىنى تۈگىتىشى روشەن بولدى. 2-دىن يېقىنقى مەزگىلدىكى بازار بۆلۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. پۈتۈن مەملىكەتتىن قارىغاندا، بىر قەدەر روشەن ئۆرلەۋاتقىنى تۆت بەش شەھەر بولۇپ، قىسمەنلىرى بەك جانلىق.
بازار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۆي-بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش مۇقەددىمىسى باشلاندى، قىزىق نۇقتىلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتى داۋاملىق چىڭىيىدۇ، 2016-يىلى 2-،3-پەسلىدە، يەر تالىشىشتا مۇھاسىرنى بۇزۇپ چىققان كارخانىلار غايەت زور سېتىش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر