خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ 2017-يىللىق شىنجاڭ سۇچىلىق خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلى، ئاپتونوم رايونىمىز سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشىغا 36 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن.
شۇ كۈندىكى يىغىندا 2017-يىللىق سۇچىلىق خىزمەتلىرى خۇلاسىلەندى، نۆۋەتتىكى سۇچىلىق ئىشلىرىدىكى ئىسلاھات تەرەققىيات يۆنىلىشى تەھلىل قىلىندى، 2017-يىللىق مۇھىم ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. يىغىندا، باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، سۇچىلىق ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز خەلق تۇرمۇشى سۇچىلىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە، بۇ يىل يېڭىدىن 2 مىليون 400 مىڭ مو يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمىنى بەرپا قىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېتىز-ئېرىق سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېزىلاردا تۇرۇبا سۈيىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش نىسبىتى، سۇ بىلەن تەمىنلەش كاپالىتى نىسبىتى ۋە سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن نەپ يەتكۈزۈلىدىغان ئاممىنىڭ سانى 550 مىڭغا يەتكۈزۈلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى