باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى چۈشەندۈرۈشىنى ئېلان قىلدى

يولۇچىلار ئۈچ سائەت بۇرۇن ئايروپىلان كۈتۈشى كېرەك، ئايروپىلانغا NOTE7نى ئېلىپ چىقىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ

2017.02.20 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولۇچىلار ئۈچ سائەت بۇرۇن ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا يېتىپ كېلىشى كېرەك، ئايروپىلانغا NOTE7نى ئېلىپ چىقىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، كىملىك بولمىسا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش ۋاقىتلىق ئىسپاتى چىقىرىش كېرەك... يولۇچىلارنىڭ چۈشىنىشلىك ھالدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى ئۈچۈن 2- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى چۈشەندۈرۈشىنى ئېلان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ چۈشەندۈرۈشتە يولۇچىلارنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى سەۋەبلىك ئايروپىلانغا كېچىكىپ قېلىش ئەھۋالى ياكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئەھۋالى يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشىغا ئائىت قىسمەن بەلگىلىمىلەرگە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن.

  ئايرودۇرۇم يەر يۈزى مۇلازىمەت بۆلۈمى ئىش بېجىرىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىچېنيىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشتىن 40 مىنۇت بۇرۇن ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش تۈزۈمى توختىتىلىدۇ، نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشقا 15 مىنۇت قالغاندا ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزى تاقىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر