باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدىكى خىزمەتتىن ئايرىلغان خادىملارتۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىنى قانداق ئالالايدۇ؟

2017.02.20 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەھەر ئاھالىسى ليۇ ئەپەندى: مەن ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلدىم، ئۆي سېتىۋېلىشقاھازىر تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىشىم لازىم بولۇپ قالدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى، مەن تاپشۇرۇش ۋە ئامانەت قويۇش باشقۇرۇش تارمىقىغا تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرگىلى بارغان ئىدىم، ئۇلار مېنى ئەسلىدىكى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ دېدى، بىراق ئەسلىدىكى شىركەتتۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىشىمنى رەت قىلدى. تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ خادىملىرى مەن ئىشلىگەن ئەسلىدىكى شىركەتتىكى ئىش بېجىرگۈچىگە تېلېفون قىلغان، لېكىن ئۇلار يەنىلا رەت قىلدى. ئەمدى مەن قانداق قىلسام ماڭا تەئەللۇق تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئالالايمەن؟ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش تارمىقى مىنىڭ تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى ئېلىش ئىشىمنى بىۋاسىتەبېجىرىپ بېرەلەمدۇ؟ قانداق ماتېرىياللار كېتىدۇ؟

  بېيجىڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائەت فوندىنى باشقۇرۇش مەركىزى: ئەگەر ئورۇنلار نورمال تاپشۇرۇپ بېرىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، شۇ ئورۇندىكى ئىش بېجىرگۈچى خادىم چوقۇم سىز ئۈچۈن تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئىشىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك، شۇ ئورۇن بېجىرىپ بېرىشنى رەت قىلسا، تاپشۇرۇش-باشقۇرۇش تارماقلىرى ئارقىلىق شۇ ئورۇننىڭ بېجىرىپ بېرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلسا بولىدۇ. باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن يەنىلا بېجىرىپ بەرمىگەن بولسا، باشقۇرۇش بۆلۈمى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئۆزىڭىز بېجىرسىڭىز بولىدۇ. 1- ئۆينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئېلىشتا تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك: ( 1 ) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە؛ ( 2 ) تۇنجى قېتىم پۇل تۆلەش تالونىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە؛ ( 3 ) قەرز توختامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە؛ ( 4 ) ئۆي سېتىۋېلىش توختامىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىدىن بىر پارچە؛ (5) جامائەت فوندى بىرلەشمە ئىمزا كارتىسى كارتا نومۇرى؛ ( 6 ) ئىشچى –خىزمەتچىلەر بېيجىڭ شەھىرىدىن باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەردە ئۆي سېتىۋالماقچى بولسا، ئىدارە « ئىشچى-خىزمەتچىلەر باشقا جايدا ئۆي سېتىۋېلىش ئىسپاتى» (ئىشچى-خىزمەتچىلەردە ئورۇننىڭ سۇبيېكتلىق سالاھىيىتى مەۋجۇت ئەمەس بولسا، ئۆي بار جايدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتى، ئاھالە كومىتېتى ياكى ئۆي- زېمىن خوجىلىقى تارماقلىرىدىن چىقىرىپ بەرگەن «ئىشچى-خىزمەتچىلەر باشقا جايدا ئۆي سېتىۋېلىش ئىسپاتى »)، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش ئىسپاتىنى چىقىرىش كېرەك؛ ( 7 ) « تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئېلىش ئىلتىماسى»،«ئېلىش ھېسابات دەپتىرى»نى تولدۇرۇشى ھەمدە ئورۇننىڭ تامغا ئۆرنىكىنى قويدۇرۇشى كېرەك. يېڭى ئورۇنغا كەلگىلى بىر يىل توشمىغانلار ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تاپشۇرۇش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ئەگەر يەنە باشقا سوئاللىرىڭىز بولسا، تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندى قىزىق لىنىيەسى 12329غا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر