باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا قارىتا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرىدىن پىكىر ئالدى

2017.02.20 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى ساۋ جيەنمىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بىر قىسىم ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىدىن دوكلاتى توغرىسىدا پىكىر ئالدى.

  ساۋ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاش ۋە نازارەتنى قوبۇل قىلىش ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مېخانىزم، يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ۋە يوللارنى راۋانلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەدلىيەنى دېموكراتىك يۈرگۈزۈش ۋە ئەدلىيەدە ئادىل بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى نازارەت قىلىشىغا ۋە قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئىشتىراك قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا ھوقۇقنى ھەقىقىي تۈردە نازارەت قىلغۇزۇپ، ھوقۇقنى ئاشكارا يۈرگۈزۈپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىش خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشىدۇر»دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ۋەكىللەردىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىكىر-تەكلىپلەرنى سوراپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئەمەلىي خىزمەت تەدبىرىگە ئايلاندۇرۇپ، تەپتىش خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر