سۈرەتتە: 19- فېۋرال، مالايشىيانىڭ كۇئالالامبۇردا، مۇئاۋىن ساقچى باشلىقى رەشىد (سولدا) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ساقچى تەرەپ ئىگىلىگەن ئەھۋالنى ئۇقتۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، مالايشىيا ساقچى تەرەپ چاۋشيەنلىك ئۆلۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيانقى تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى: 13- فېۋرال مالايشىيادا ئۆلگەن چاۋشيەنلىكنىڭ قازا قىلغان سەۋەبى تېخى جەزملەشتۈرۈلمىدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر DNA ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلىسە سالاھىيىتىنى ئاندىن جەزملەشتۈرگىنى بولىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى