باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى بويىچە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچى پىكرى» نى بېسىپ تارقاتتى

2017.02.20 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى بويىچە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچى پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى بويىچە مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر» دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا يېزا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ تىرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە يېزىلارنىڭ يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش، پاسكىنا سۇ ۋە ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە تېلېگراف قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قەدىمى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى تەدرىجى ياخشىلاندى، بىراق تارىختىن قالغان قەرز كۆپرەك، مەبلەغ سېلىنمىسى يېتەرسىز، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى راۋان بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەبلىك، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى ئومۇمەن يەنىلا ئاجىزراق بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەلىپىدىن خېلى يىراق.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ۋە شەھەر-يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىشنى تېزلىتىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىش ھوقۇقى ۋە سېلىنما مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، باشقۇرۇش-قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. 2020-يىلىغا بارغاندا، سۇبيېكتى كۆپ مەنبەلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان مەبلەغ سېلىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمىسىنى ئاساسەن شەكىللەندۈرۈپ، بازار مەشغۇلاتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك كەسىپلەرنى تەسىس قىلىش ۋە باشقۇرۇش مېخانىزمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، شەھەر-يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يېزا ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، تۇرۇشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دېھقانلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر